«ئېلىپ»نى تاياق دېيەلمەپتۇ، «مىم»نى چوماق..
«ئېيت،ئېيت»دېسە، ئاتىسى ئېسىدىن چىقىپتۇ.
«تۇر،تۇر» كۆپ بولسا، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
«سادىق» دەپ ئىسىم قويسا، «تۈلكە» دەپ لەقەم ئالدى.
ئابدالدا ئۇيات يوق، كېپەكتە قۇۋۋەت يوق.
ئابدالغا كەپسەن بەرسە، تارازاڭ بارمۇ دەيدۇ.
ئابرۇينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
ئابرۇيىڭنى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.
ئابرۇيىڭنى باشلىقىتىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدىن.
ئات ئازسا،تايغا ئەگىشەر.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش،خوتۇن ئالساڭ يىل.
ئات ئالساڭ بويىنى كۆر،خوتۇن ئالساڭ خۇيىنى.
ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چېنە ئالساڭ چېكىپ.
ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن.
ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا.
ئات ئايلىغان ئات مىنەر، كىيىم تاللىغان تون كىيەر.
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار.
ئات ئايىغىنى تاي باسار.
ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار، خوتۇن غېرىبلىقتا.
ئات ئۆلسە ئىتنىڭ تويى بولار.
ئات ئۆلسە ئېگىرى قالار، ئادەم ئۆلسە ئىسمى.
ئات ئېگەردىن پەس ئەمەس.
ئات ئەر كىشىگە  قانات.
ئات باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى.
ئات تاپقۇچە ئېگەر تاپ.
ئات تەپكىنى ھار ئەمەس،ئېشەكنىڭ تەپكىنى ھار.
ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سىردىشىپ.
ئات كىشنەشكۈچە، ئادەم سۆزلەشكۈچە.
ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
ئات كەينىگە مىنگەشمە،مىنگەشكەندىن كېيىن ئۈندەشمە.
ئات مىنىپ ئاتامغا باقمىدىم.
ئات يوق يەردە ئېشەكمۇ ئات.
ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال، كالا يۆتەلسە پىچاق.
ئات ھېرىپ قالسا بىر پىچاق،  ئېشەك ھېرىپ قالسا بىر چۆچەك قوناق.
ئاتا ئۆلمەي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئاتا بولمىغان ئاتا  قەدرىنى بىلمەس.
ئاتا كەسىپ بالىغا مىراس.
ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان.
ئاتا-ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالىلار توخۇدەك چاچىدۇ.
ئاتا-ئاناڭنى بېشىڭدا كۆتۈر، بالىلىرىڭنى قولۇڭدا.
ئاتالمىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ، چىچالمىغان پوقىدىن.
ئاتام تاپقان-بىكار پۇل، ئۆزۈم تاپقان-شېكەر پۇل.
ئاتامدا بولغۇچە، ئالقىنىمدا بولسىچۇ.
ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، چەلپىكىنى ئىتلار تالاشتى.
ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمەيدۇ.
ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
ئاتاڭ كىم بولسا، سەن شۇنىڭ ئوغلى.
ئاتاڭ مىراب بولغۇچە، يېرىڭ باشقا بولسۇن.
ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغۇچە، ئەلنىڭ بالىسى بول.
ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، ئېگەر توقۇمدىن ئايرىلما.
ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگدىن چۈشمەس.
ئاتقا ئېگەر كېرەك، ئېگەرگە ئەر.
ئاتقا مىنگەشمە مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە.
ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس.
ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ، چىچقان يەردە پوق.
ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.
ئاتنى ئوقۇردا باق، ناننى تونۇرغا ياق.
ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ.
ئاتنىڭ بىڭسىنى سايدا كۆر، قېچىرنىڭ بىڭسىنى لايدا.
ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ.
ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق، ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى.
ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس.
ئاتىدىن ھىممەت، ئوغلىدىن خىزمەت.
ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى.
ئاتىسى بولۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق، ئانىسى بولۇشقاقنىڭ قىزى يىغلاڭغۇ.
ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
ئاتىسىزنى كۈيئوغۇل قىلما،ئانىسىزنى كېلىن.
ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
ئاتىلىق يېتىم كۈل يىتىم، ئانىلىق يىتىم گۈل يىتىم.
ئاتىنىڭ كۆڭلى بالىدا، بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا.
ئاتىنىڭ ھورى بالىنىڭ دولىسىنى ئىسسىتالماس.
ئاجىراشقاننىڭ كۆتى ئېچىلار، ئاجىراشمىغاننىڭ بەختى.
ئاختارمىلىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى.
ئاداشقانغا ياماشقان.
ئاداشقاننى ئارقىسىدىكى بىلىدۇ،  يېڭىلگەننى يېنىدىكى.
ئادىل سۆز ئەقىلنىڭ تارازىسى.
ئادىلنىڭ يولى بىر، تېگىشلىك بولمىغانلىقنىڭ يولى مىڭ.
ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
ئادەم ئوخشاش، خۇي-پەيلى ئوخشىماس.
ئادەم ئۆلمەس، رىزقى تۈگمەس.
ئادەم ئۆلمەس، كۆزى تويماس.
ئادەم ئۆلىدۇ، دۇنيا قالىدۇ.
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت.
ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى.
ئادەم ئەللىك يىلدا يېتىلىدۇ، دەرەخ ئون يىلدا.
ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر،  ئوت تەپتىدىن.
ئادەم بالىسى باقساڭ، ئېغىز-بۇرنۇڭنى قان ئېتەر.
ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى بىلىم بىلەن.
ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
ئادەم تەمى سۆز بىلەن.
ئادەم سۇنى پاسكىنا قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز.
ئادەم قىچقارسا بارمايمەن، ئاش قىچقارسا قالمايمەن.
ئادەم قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرىسىمۇ يىلتىزى.
ئادەم يوق ئۆيدە، ئۆچكىسىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىماس.
ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
ئادەمنى ئارزۇ ئۇچۇرىدۇ، قۇشنى قانات.
ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.
ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش.
ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ، قۇشنى يەم بىلەن.
ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا.
ئادەمنىڭ بىڭسى قورساقتا، ھايۋاننىڭ بىڭسى تۇياقتا.
ئادەمنىڭ توغرىسى ياخشى، ئورغاقنىڭ ئەگرىسى.
ئادەمنىڭ تېشىغا قارىما، ئىچىگە قارا.
ئادەمنىڭ دېگىنىگە قارىما، قىلغىنىغا قارا.
ئادەمنىڭ زىننىتى كىيىم، ئاتنىڭ زىننىتى توقۇم.
ئادەمنىڭ كىچىكى بولغۇچە، ئىتنىڭ كۈچۈكى بول.
ئادەمنىڭ كۆركى كىيىم، ئاتنىڭ كۆركى توقۇم.
ئادەمنىڭ يېتى يوق، ئالتۇننىڭ دېتى.
ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل.
ئادەمگە كىيىم كېرەك، شەھەرگە جىرىم.
ئارسلاندەك كۈچلۈك بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ.
ئارغامچىنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر.
ئارمان كۆپ، دەرمان يوق.
ئارمىنى يوق ياش بولماس، ھەسرىتى يوق قېرى.
ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر.
ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن.
ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا، ئاز يەپ كۆپ چاينا.
ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقار.
ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە، دۆڭ يەر نەم تارتىدۇ.
ئاستا ماڭغان تاغ ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
ئاسقۇدا گۆشى بولسا، بىر كۈنى مېھمانغا يارار.
ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم جان تاتلىق.
ئاسمان يەرگە يامغۇر ياغدۇرسا، يەر ئاسمانغا توزان توزۇتار.
ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ، يۈزۈڭگە چۈشەر.
ئاسمانغا چىقسا تاپىنىدىن، يەرگە  كىرسە كوكولىسىدىن.
ئاسماننىڭ باسقۇچى يوق.
ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك  قىلار.
ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىپتۇ.
ئاش قەدرىنى بىلمىسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جاجاڭنى.
ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچۈڭنى.
ئاشتىن يامانلىغان تاۋاق چاقىدۇ.
ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.
ئاشلىق ئاسان ، جۇدالىق تەس.
ئاشلىق يولى ئازاب يولى.
ئاشلىقتا ئۆلۈم كۆزگە كۆرۈنمەس.
ئاشلىققا باغداد يىراق ئەمەس.
ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما.
ئاشنى باداڭدىن سورا ، ئىشنى كاداڭدىن.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
ئاغرىق كۈچۈيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.
ئاغرىمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاغزى ئىتتىكنىڭ دوستى ئاز.
ئاغزى شېكەر، كۆڭلى زەھەر.
ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئېمەر.
ئاغزى يۇمشاق گۆش يەيدۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت.
ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتا بولسۇن.
ئاق ئىت، قارا ئىت، ھەممىسى ئىت.
ئاق سۆيدۈرەر، قارا كۆيدۈرەر.
ئاق قويدىن قارا قويمۇ تۇغۇلىدۇ.
ئاقساق يول تالىشار، پىخسىق پۇل.
ئاقنىڭ سەتلىكى بىلىنمەس، قارىنىڭ چىرايلىقى.
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز.
ئاكا-ئۇكىنىڭ ئازارى بولسىمۇ، بىزارى يوق.
ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ.
ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق.
ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنىچى ئايدا كالتە چاپان.
ئالتۇن ئوتتار بىلىنەر، ئادەم مېھنەتتە.
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز.
ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، پاخمىۋاش ئاناڭ بىلەن قال.
ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسۇن، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
ئالتۇن كۆرگەندە پەرىشتە يولدىن ئېزىپتۇ.
ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
ئالتۇنلۇق ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ تېنىچلىقى يامان.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگار  بىلۇر.
ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يەتمەپتۇ.
ئالتە ئاي ياز ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ.
ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.
ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، قىز ئالىمەن.
ئالتە كۈنلۈك مېھمان.
ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن ھارۋا قاتنايدۇ.
ئالدى چاق نەدە ماڭسا، كەينى چاق ئىزدا ماڭىدۇ.
ئالدىدا قول قىسىشار، ئارقىدا تاش ئېتىشار.
ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەر.
ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارىلىشار.
ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.
ئالدىرىغاندا قارىغۇدىن يول سوراپتۇ.
ئالدىرىغاندا قولىدىكىنى قىرىق قېتىم ئىزدەپتۇ.
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تىيىپتۇ.
ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا.
ئالغاننىڭ قولى يۇمشاق، يېگەننىڭ تىلى.
ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
ئالغۇچە ئالمان، بەرگۈچە بەزگەك.
ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
ئالما ئۆز دەرىخىدىن يىراققا چۈشمەس.
ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى.
ئالمىغان ئاتقا ئوقۇر ساپتۇ.
ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
ئالىمەن دېسەڭ ئاۋۋال بەر.
ئالۋاستى بوش كەلگەننى باسىدۇ.
ئامالىم يوق دېگۈچە، ئەقلىم يوق دېگىن.
ئامانەتنى تۇتماڭ، يوقالسا تۆلەرسىز، تام تۈۋىدە ئولتۇرماڭ، يىقىلسا ئۆلەرسىز.
ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ.
ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
ئانا قۇشقاچ پاتقان كامارغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ.
ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
ئاناڭنى  داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە.
ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
ئاي توشمىغۇچە ئېتىڭنى ماختىما، يىل توشمىغۇىچە قۇداڭنى.
ئاي قوتانلىسا ئايدا ياغار، كۈن قوتانلىسا كۈندە.
ئاي كۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
ئاي نۇرى قانچىلىك يورۇق بولسىمۇ، قۇياشنىڭكىگە يەتمەس.
ئاي يورۇقى ئوغۇرغا باقماس.
ئاي چىققاندا يۇلتۇز كۆرۈنمەس.
ئاياغ يۈگۈركى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
ئاياغقا تارتساڭ باشقا يوق، باشقا تارتساڭ ئاياغقا.
ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق.
ئايدا كەلگەندە ئاياغ، كۈندە كەلگەندە تاياق.
ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ.
ئاينىڭ بېشىدىن قورۇققۇچە، بەشىدىن قورق.
ئايىدا يېگەن توق، كۈندە يېگەن ئاچ.
ئاپتاپ يەرنى تاۋلايدۇ،جاپا ئەرنى.
ئاپتاپنىڭ چىقىشىغا باق، سۇنىڭ ئېقىشىغا.
ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ، ھوشيار بول.
ئاچ ئىتقا بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار.
ئاچ ئېيىق ئوينىماس.
ئاچ بۆرە ئالدىدا قوي ھامان گۇناھكار.
ئاچ قالغان تاماق تاللىمايدۇ.
ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
ئاچ كۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
ئاچ نېمىنى يېمەس، توق نېمىنى دېمەس.
ئاچارچىلقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا ئۇنتىما.
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
ئاچلىقتىن خۇمارلىق يامان.
ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى ساق.
ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
ئاچچىق كەلگەندە ئەقىل قاچىدۇ.
ئاچچىق يۇتماق تاغ يۇتماق.
ئاچچىق-تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراق-يېقىننى يۈرگەن.
ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت.
ئاچچىقىڭ كەلسە بارمىقىڭنى چىشلە.
ئاڭلىغان بىلەن كۆرگەن بىر ئەمەس.
ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق.
ئاڭلىغان قۇلاققا گۇناھ يوق.
ئاھ دېسەم ئۆپكىسى كۆرۈنەر.
ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
ئاۋۋال ئىززەت، ئاندىن زورلۇق.
ئاۋۋال ئۆزۈڭنى تۈزلە، كېيىن ئۆزگىنى.
ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ.
ئاۋۋال يول قوي، كېيىن قول قوي.
ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ.
ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپتۇ.
ئوت بىلەن ئويناشقاننىڭ قولى كۆيەر.
ئوت بىلەن سۇ تىلسىز يىغا.
ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
ئوتتۇرىدا قاڭشار بولمىسا، ئوڭ كۆز سول كۆزنى يەيدۇ.
ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاارپتۇ.
ئوتقا قاراپ تۆمۈر سوق.
ئوتقا كەلگەن خوتۇننىڭ ئوتتۇز ئېغىز گېپى بار.
ئوتقا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلغا چىدىغان چاينايدۇ.
ئوتنى سەل چاغلىسا كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى سەل چاغلىسا ئۆلتۈرىدۇ.
ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچەر.
ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر.
ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي.
ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى.
ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىكنىڭ سىرتىدا قاپتۇ.
ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.
ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم.
ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر.
ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز.
ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
ئوسمىغا ئامراققا ئەر ئامراق.
ئوسۇرۇققا ئارپا نېنى باھانە.
ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس.
ئوغرى ئاسماقچى كېلەر، غالچا غەيۋەتچى.
ئوغرى ئالغان مالغا ئىگىسى سەۋەبكار.
ئوغرى ئۆلگۈچە«مەن ئاق»دەپ تۇرار.
ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، تاۋىقىنى ئالساڭ قوشۇقىنى قوي.
ئوغرى بېيىماس، تەمەخور تويماس.
ئوغرى تۇتساڭ چوڭنى تۇت.
ئوغرى تۇتۇلار، قىمارۋاز ئۇتۇلار.
ئوغرى تۇتۇلسا يەرگە قارايدۇ، جالاپ تۇتۇلسا كۆككە.
ئوغرى تۈن يېرىمىدا، پىتنىخور كۆپكۈندۈزدە.
ئوغرى ساقچىدىن قورقىدۇ، جىن ياخشىدىن.
ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار.
ئوغرىدىن ۋاپا كۈتمە، ئوغىدىن شىپا.
ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس، بۆرىسى يوق جاڭگال.
ئوغرىنى ئوغرى تاپار.
ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
ئوغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
ئوغرىنىڭ كۆزى كېچىسى كۆرەر.
ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
ئوغلى بار ئوغلىدىن كۈلمە، قىزى بار قىزدىن.
ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى.
ئوغلى غورا يېسە، دادىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى، قىزىم يەپ قىرغا.
ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ھوسۇل ئالساڭ قاچىلاپ.
ئوغۇل -تاغقا ئوخشار، قىز- ئالمىغا.
ئوغۇل بالا تۇغۇلسا ئۆيۈڭگە بىر پەرىشتە قونار، قىز بالا تۇغۇلسا يەتمىش پەرىشتە.
ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ.
ئوق يەتمىگەن يەرگە قىلىچ شىلتىما.
ئوقۇغان ئۇزار، ئوقۇمىغان توزار.
ئولتۇرسا ئوچاقنى ئۆرۈپتۇ، قوپسا مورىنى.
ئولتۇرۇۋەرسەڭ تاشمۇ ئىسسىيدۇ.
ئولتۇۇرپ يېسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ.
ئون ئىتقا يېگۈزگەندىن، بىر بۆرىگە يېگۈزگەن خوپ.
ئون بارماق بىردەك ئەمەس.
ئون باشلىقنىڭ مۇڭى باشقا.
ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
ئون تونۇشتۇرۇشتىن بىر تونۇش ئەلا.
ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان.
ئون خوجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
ئويغاقنى زورلاپ ئۇخلاتقىلى بولماس.
ئويلسام دىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىسەم تىلىم.
ئويلىماي قىلغان ئىشىڭدا، كۈندە غۇۋغا قېشىڭدا.
ئويلىمىغان يەردىن، تۇغۇلمىغان توشقان چىقىپتۇ.
ئويماقسىز خوتۇن بولماس، تىغسىز ئەر.
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.
ئوينىمايدىغان جۇۋان يوق، قاينىمايدىغان قازان.
ئويۇننى قەيەردە ئوينىساڭ، يىغاڭنى شۇ يەردە يىغلا.
ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق ، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
ئوڭ قولۇم، سول قولۇم، ئىككىلىسى ئۆز قولۇم.
ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.
ئوڭ كاچىتىڭغا ئۇرغاندا، سول كاچىتىڭنى تۇتۇپ بەر.
ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.
ئوڭدا ياتقان گىردە يەيدۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە.
ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
ئىت ئىتنى بۇيرۇسا، ئىت قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
ئىت ئىگسى بىلەن كۈچلۈك.
ئىت ئىگىسىنى چىشلىمەس.
ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن.
ئىت بىلەن ئاغىنە بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
ئىت بىلەن سايە تالىشىپتۇ، مۈشۈك بىلەن تۆر.
ئىت بىلەن يولداش بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
ئىت تويغان يېرىدە ئۇخلار، قۇش قونغان يېرىدە.
ئىت سۆڭەك يېسە، كۆتى بىلەن كېڭىشەر.
ئىت سەمرىسە ئىگىسىنى چىشلەر.
ئىت قاۋىغان يەردە ئادەم بار.
ئىت قىلغاننى ئىت ئىگىسى قىلمايدۇ.
ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
ئىت ياغسىز سۆڭەك غاجىماس.
ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس.
ئىت يەپتۇ چورۇقنى، ئۆزى يۈرۈپتۇ چورۇقسز.
ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر.
ئىت-ۋاپا، خوتۇن -جاپا.
ئىتتىرپ بەرگەننى ئىت يېمەس.
ئىتتىكلىك -شەيتانلىق، ئېغىرلىق-راھمانلىق.
ئىتتىن ئاشقاننى پىت يېمەس.
ئىتتىن سۆڭەككە قەرزدار، چاشقاندىن كېپەككە.
ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس.
ئىتقا گۆش بەرسەڭ توپىغا مىلەپ بەر.
ئىتمىكىن دېسەم قۇيرۇقى يوق، كالىمىكىن دېسەم مۈڭگۈزى.
ئىتنى ئەركىلەتسەڭ ئاغزىڭنى يالايدۇ.
ئىتنى سۆڭەك بىلەن ئۇرساڭ ھاۋشىماس.
ئىتنى قاۋايدۇ دەپ ئاغزىنى كەسكىلى بولماس.
ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە، دەريا سۈيى بۇلغانماس.
ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرىگە  چىقىۋاپتۇ.
ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
ئىتنىڭ كاساپىتى ئىتقا تېگەر، ھۇرۇننىڭ كاساپىتى ئىشچانغا.
ئىتنىڭ كۆڭلى سۆڭەكتە.
ئىززەت تاپاي دېسەڭ خىزمەت قىل.
ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت.
ئىسلىق ئۆيۈم-ئىسسق ئۆيۈم.
ئىش ئادەمگە باغلىق.
ئىش ئىگسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن.
ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.
ئىش ئۇستىسىدىن قورقار.
ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن.
ئىش بار يەردە ئاش بار.
ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى بوش.
ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن.
ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار.
ئىشتانسىز ئىشتىنى يىرتىقتىن كۈلۈپتۇ.
ئىشتانسىزنىڭ چۈشىدە ئىككى غىرىچ بۆز كىرىپتۇ.
ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.
ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس.
ئىشقا قاراپ تاۋىقى، ھۆنىرىگە قاراپ سىمكارى.
ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك.
ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى.
ئىشلىقنىڭ ئىىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر.
ئىشلىگەن چىلىق-چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرغاقچىلىق.
ئىشلەتسەم-قۇلۇم، ساتسام- پۇلۇم.
ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق.
ئىشنىڭ بېشىدا تاراقلايدۇ، ئاخىرىدا پالاقلايدۇ.
ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.
ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.
ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
ئىشىتن قاچساڭ قورساققا تۇتۇلىسەن.
ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، سوراپ كىر.
ئىشىكتىن موردا چىقسا، تۈڭلۈكتىن سەۋر كىرەر.
ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
ئىشچان نېنىنى يەر، ھورۇن بېشىنى.
ئىشچاندىن تەر چىقىپتۇ، ھورۇندىن «ئۇھ».
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر.
ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنى بىر ئۆيگە ئاش بولار.
ئىككى باشنى قوشماق ساۋاب، ئايرىماق گۇناھ.
ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس.
ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
ئىككى قوچقار ئۈسۈشكەندە، بۆرىنىڭ قورسىقى ئاچىدۇ.
ئىككى قوچقارنىڭ بېشى، بىر قازاندا قاينىماس.
ئىككى قېلىچ بىر غىلاپقا سىغماس.
ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.
ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى، تۇتقان سۇغا چۆكەر.
ئىككى نان تاپسا  بىرىنى داپ چالىدۇ.
ئىككى ياخىشى بىر بولسا تىنىچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.
ئىككى يەڭگە ئەپ ئەمەس، ئۆپكە-قېرىن گۆش .
ئىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.
ئىلىملىك نۇر، ئىلىمسىز خور.
ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
ئىنسانغا دوستلۇق، ئۆمۈرگە ياشلىق.
ئىنساپ قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
ئىنەككە ساغىدۇ ئانىكام، قايمىقىنى يەيدۇ بالىكام.
ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماس، ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس.
ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.
ئىچتىم شاراب، بولدۇم خاراب.
ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى.
ئىچى تارنىڭ گۆرى تار.
ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.
ئۆتكۈر سۆز-ئاتقان ئوق.
ئۆتكەلدىن ئۆتسەڭ ئاۋۋال ئۆت، كېيىن ئۆتسەڭ يول تايغاق.
ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ.
ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ.
ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما.
ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا.
ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.
ئۆتۈكى يىرتىق تۆرگە چىقالماس، يېڭى يىرتىق ئاش يېيەلمەس.
ئۆتۈڭ تار بولسا، جاھاننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمە پايدىسى.
ئۆردەككە سۇ يۇقماس.
ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.
ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولار.
ئۆز ئاناڭ كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئۆلمەيدۇ.
ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى.
ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە.
ئۆز سايىسىگە قاراپ مۇشت ئېتىپتۇ.
ئۆز كۈچىگە تايىنىپدىن نان تاپساڭ، كوچىغا چىقىپ يە.
ئۆز نەپسىدىن كەچمىگۈچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس.
ئۆزلۈككە ئارتۇق، تۆپىلىككە تارتۇق.
ئۆزى ئۆلۈپ، ئۆزى يىغلاپتۇ.
ئۆزى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.
ئۆزى ئۈچۈن ئۇخلىغان، كىشى ئۈچۈن چۈش كۆرەر.
ئۆزى بولالمايدۇ، بولغاننى كۆرەلمەيدۇ.
ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويماس.
ئۆزى قوڭغۇزدەك، گىېپى توڭگۇزدەك.
ئۆزى كەتكەن يارەي، ئۆزى كەلگەن يارەي.
ئۆزى مۇزلۇقنىڭ گېپى تۇزلۇق.
ئۆزى ياۋاش، ئاغزى بەڭۋاش.
ئۆزى يوقنىڭ كۆزى يوق.
ئۆزىدىن خورىكى چوڭ.
ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس.
ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ.
ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ.
ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە.
ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆزۈنمەس.
ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئۆزى مۇشت ئېتىپتۇ.
ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپتۇ.
ئۆزڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا.
ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا.
ئۆزۈم يېسەم سېسىق ئېشىم، كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئېشىم.
ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن.
ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.
ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ؟ گېپىڭ تۈز بولسۇن.
ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.
ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر تېنىڭنى.
ئۆزۈڭدە يوق- ئالەمدە يوق.
ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي.
ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل.
ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما.
ئۆكۈر بىلەن باراۋەر بولىمەن دەپ، پاقا يېرىلىپ كېتىپتۇ.
ئۆكۈرنى كاردىن چىقارغان بويۇنتۇرۇق.
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.
ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك.
ئۆلىمەن دېسە، مىنىۋالاي دەيدۇ.
ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغۇچە، ئۆلمەستىن بۇرۇن سەۋەب قىل.
ئۆلگەندىن كېيىن« ياسىن»نىڭ نېمە پايدىسى.
ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.
ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز-چۆچەك.
ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا.
ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت يېشىم.
ئۆلۈكنىڭ قولىنى ئۆتنە ئاپتۇ.
ئۆلۈكنىڭ كۆزى يامان، ئۇرۇشقاقنىڭ سۆزى.
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق.
ئۆلۈمنىڭ چوڭىمۇ-كىچىگىمۇ ئۆلۈم.
ئۆلەر ئىت پالتىدىن قوقماس.
ئۆلەرمەن ئېشەك يېتىپ تېپەر.
ئۆلەي تورپاق ئۆلدى، بار كېپەكنى يەپ بولدى.
ئۆم ئەمگەكتە ئۈنۈم بار.
ئۆمرۈڭ ئۆتەر، ھۆسنۈڭ ئۆچەر.
ئۆمىلەپ كىرگەن دومىلاپ چىقار.
ئۆمۈر- ئاتقان ئوق.
ئۆمۈچۈك ئۆمىلەيدۇ، ئۆمىلىگەننى كۆرەلمەيدۇ.
ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا.
ئۆي تۇتماس خوتۇننىڭ جېدىلى تولا.
ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.
ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەس.
ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەڭ، ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان.
ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما، ساھىبخاننىڭ تەرىگە قارا.
ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس، كۆرگە كىرگەن تىرىك.
ئۆيۈم ھېيىتتىكىدەك بولسا، ئېرىم توي كۈنىدىكىدەك بولسا.
ئۆيۈمدە بىر نان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.
ئۆيۈڭ ئۆستەڭ بويىدا بولسا، قاپىقىڭ قۇرۇق قالماس.
ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا.
ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
ئۆپكىسى تۈگەپ كانىيى قالدى.
ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قېقىپتۇ.
ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم كۆرۈپتۇ.
ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار.
ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت-ھويت.
ئۆچكىنىڭ مويى تۈگىمەس، بەڭگنىڭ ئۆيى.
ئۆچكىگە جان قايغۇسى، قاسساپقا ياغ قايغۇسى.
ئۆچكىگە چىگىت بېرىپلا قۇيرۇقىنى سىلاپتۇ.
ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا.
ئۆچىدىغان چىراغنىڭ يورۇقى پەس.
ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس.
ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە.
ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىدىن، ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.
ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام ، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
ئۇرۇشقاق ئۆز سايىسى بىلەن ئۇرۇشار.
ئۇرۇشقاق خوتۇن تۇل بولار.
ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى  تېز قېرىيدۇ.
ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ.
ئۇرۇق -تۇغقان يات بولماس، ئالتۇن -كۈمۈش دات.
ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
ئۇرۇقۇڭنى يېگۈچە، ئۇيۇڭنى يە.
ئۇزۇن گەپ ئۆزىنى ئۇرار، ئۇزۇن چاپان پۇتنى.
ئۇزۇننىڭ ئارىسىدا قىسقا بار، قىسقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن.
ئۇستا ئوۋچى ئىز تونۇيدۇ، زېرەك يىگىت قىز.
ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار.
ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت، ھەر مۇقامدا يورغىلار.
ئۇستاز ئۇنتۇلماس.
ئۇسسىساڭ تالقاپ كاپ ئەت.
ئۇسسۇل ئوينىيالمىغان قىزغا، ئۆينىڭ تارلىقى باھانە.
ئۇماچ ئىچىتىم توق، ئۆرە قوپسام يوق.
ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
ئۇماچقا زەدەك توغراپتۇ، پولوغا مەدەك.
ئۇماچنىڭمۇ ئۆتنىسى بار.
ئۇمىچى يوق مازاردىن، شەيخ زېرىكىپتۇ.
ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
ئۇن-ماي ھەر ئۆيدە بار، ياخشى تاماق بىر ئۆيدە.
ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
ئۇنى يوق دېسەم زاڭ دەيدۇ، ھاردىم دېسەم ماڭ دەيدۇ.
ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق.
ئۇنىغانغا يۇنۇغان.
ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەس.
ئۇي ئۆلتۈرگەن پالتا بوسۇغىدا قاپتۇ.
ئۇياتسىز خوتۇن-تۇزسىز ئاش.
ئۇياتسىز مۈشۈككە، قازاننىڭ ئېشى ئوچۇق.
ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق.
ئۇيقۇدا ئۇيات يوق.
ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىرار.
ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.
ئۇچماس توخۇ، كۆچمەس تام.
ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە ئۆزى بارار.
ئۇۇق-تۇغقان تېپىشار، ياتقا بالا يېپىشار.
ئۇۋىنى چىشى قۇش ياسار.
ئۈجمە تۈگىگەندە سوپىسوپىياڭ كەپتۇ.
ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش.
ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز.
ئۈلپىنىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
ئۈمتۈلگەن ئەرگە، دەريا ئوشۇقىغا كەلمەس.
ئۈممەتسىز پەيغەمبەر يوق، شاگىرتسىز پىر.
ئۈمىد ياشنىتار، غەم قاقشىتار.
ئۈمىدسىز كىشىدىن ئامەت قاچىدۇ، ئىناقسىز ئۆيدىن بەرىكەت.
ئۈچ ئادەم بار يەردە خىزىر بار.
ئۈچ قوي سويغان قاسساپ بوپتۇ.
ئۈگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ ئارمان.
ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئېتەلمىسەڭ ئۈزۈپ ئەت.
ئېتى ئۇلۇغ، سۇپىرىسى قۇرۇق.
ئېتىم يانداق، كالام تارتماس، ئىككى كېلىن بىر ئۆيگە پاتماس.
ئېتىنى ئۇتتۇرۇپ ياياق قالدى، خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇپ بويتاق.
ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە.
ئېرى ماز بولسا، خوتۇنىغا كۈن يوق.
ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇتۇت.
ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.
ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار.
ئېرىنچەككە بۇلۇتنىڭ سايىسى يۈك.
ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.
ئېرىڭدىن يامانلىماي ئەيىبىڭدىن يامانلا.
ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
ئېسىلساڭ نارغا ئېسىل، يىقىلساڭ ناردىن يىقىل.
ئېسىلنى ئالساڭ خاتا يوق، ئەسكىنى ئالساڭ ۋاپا.
ئېشكىگە يارىشا توقۇمى.
ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا ئانىسىغا.
ئېشىغا قاراپ تاۋىقى، ھۈنىرىگە قاراپ سىمكىرى.
ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.
ئېشىكىم ئوبدان ئېشەك، كۆتۈرۈشى تۆت تال كېسەك.
ئېشىكىڭنىڭ دمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە، قولۇڭنى ئىسىت.
ئېشىمدا يوق پۇرچاق، پوقۇمدا نېمىش قىلار.
ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.
ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.
ئېشەك ئۆلۈۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
ئېشەك باينىڭ، تاغار باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
ئېشەك دۇلدۇل بولالماس.
ئېشەك سەمرىسە ئوقۇرىغا تېزەكلەر.
ئېشەك كۈل تاپسا ئېغىنار.
ئېشەك ھارسا قۇشقۇندىن كۆرىدۇ.
ئېشەك-ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس.
ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ، يەنىلا ئېشەك.
ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى.
ئېشەككە مىنگەننىڭ پۇتى تىنچىماس.
ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگىرەيدۇ.
ئېشەكنىڭ ئۆزى تېگىشلىك بولمىغان، كۈچى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
ئېشەكنىڭ ھۈنىرى ھاڭراش.
ئېغىرلىق تاشقا يارالغان، يېنىكلىك قامغاققا.
ئېغىرلىق-راھمانلىق، يېنىكلىك-شەيتانلىق.
ئېغىز ئېغىزدىن قالماس.
ئېغىز يېسە، يۈز ئۇيىلار.
ئېغىز-ئايغاق، تىل تايغاق.
ئېغىزدىن چىققان سۆز، يەرگە سېپىلغان سۇ.
ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى.
ئېلىپ ئالتە بولماپتۇ، يەپ يەتتە.
ئېيىتقان سۆز ئاتقان ئوق.
ئېيىتقان يەردىن قالما، ئېيىتمىغان يەرگە بارما.
ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
ئېپىنى تاپساڭ قارمۇ كۆيىدۇ.
ئېگىز بۇرۇننى كۆرە-كۆرە، پۇچۇق بۇرۇن كىرىپ كېتىپتۇ.
ئېگىز تاغدا قار بولۇر، مەرد يىگىتتە ئار.
ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ.
ئېگىلمىگەنگە ئېڭىشمە.
ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەس.
ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.
ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.
ئەتىيازدا توخۇ تويماس.
ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچ كۈزدە كېكىردىم.
ئەتىگەن تۇرساڭ، ئالدىڭدىن كۈن چىقار، كەچ تۇرساڭ، كەينىڭدىن تۈن.
ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ، كەچتە سايىسىنى ئىزدەپتۇ.
ئەتە كېلىڭ، ئۆگۈن كېلىڭ، ھەل بولمىسا سەۋىر قىلىڭ.
ئەجەل كەلسە، ئەقىل ئادىشار.
ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار.
ئەخمەق ئەلچى ئىككى تەرەپنى بۇزار.
ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.
ئەخمەق كۈندۈزى چىراغ ياقىدۇ، يېغى تۈگەپ كېچىىسى ئايغا باقىدۇ.
ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت.
ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
ئەخمەقنى ئە يىبلىمەي ئىشقا سال.
ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.
ئەخمەقنىڭ چوڭ -كىچىكى يوق.
ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز  بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.
ئەر ئارسىز بولماس، يىگىت يارىسىز.
ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.
ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر، خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە.
ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
ئەر قەدرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدرىنى زەگەر.
ئەر كىشى مۇز تاغ، خوتۇن ئاپتاپ.
ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار.
ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر، قۇش يېڭىلىپ تورغا.
ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى تېتىماس.
ئەرزانچىنىڭ مېلى تالاشتا قالىدۇ، قىممەتچىنىڭ مېلى تالادا.
ئەرسىز خوتۇن يۈگەنسىز ئات.
ئەركىشى نامرات بولسا بولسۇن، قەرىزدار بولمىسۇن.
ئەركىلىتىۋەرسەڭ ئېشەككە مۈڭگۈز چىقىدۇ.
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم سىغار.
ئەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، سۆزى.
ئەرنىڭ ئېزىتقۇسى خوتۇن.
ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.
ئەرنىڭ سۆزى بىر بولار.
ئەرنىڭ يالغىنى- ئۆلگىنى.
ئەزرائىل جان دېسە، بەش بالا نان دەيدۇ.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دېسە، بەش تەڭگەمنى بەر دەپتۇ.
ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
ئەسكى چاپان ئىچىدە ئادەم بار.
ئەسكى چاپان قىشتا ياخشى.
ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
ئەسكى ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرۇت.
ئەقلى بارغا بىرلا سۆز كۇپايە.
ئەقلى يوق باشتىن سۈيى يوق قاپاق ياخشى.
ئەقىل بولمىسا، كۆز دېگەن تام  تۆشۈكى.
ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس.
ئەقىل دوست، نادان دۈشمەن.
ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق.
ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، ئەقىلسىز ئۆزگىنى.
ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.
ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەخمەق چۈشىگە.
ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ،  نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
ئەل بار يەردە، ئەر بار.
ئەل بار يەردە، گەپ بار.
ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە.
ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
ئەل تىنچ،مەن تىنچ.
ئەل قوزغالسا، تەخت غۇلار.
ئەل پۈۋ دېسە، بوران چىقىدۇ.
ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى چىقار.
ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس.
ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك.
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىپتۇ.
ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
ئەمىلى يوقىنىڭ غېمى يوق، بالىسى بارنىڭ كۆڭلى توق.
ئەمگىكىڭ قاتتىق بولسا، يېگىنىڭ تاتلىق بولار.
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر.
ئەمگەك قىلساڭ قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ.
ئەمگەك قىلساڭ، يەر سېخى.
ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى.
ئەيسانىڭ ئەلىمىنى موسادىن ئاپتۇ.
ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.
ئەيىبنى يوشۇرغان ئەخمەق.
ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق.
ئەگرى كىشى ئازىدۇ، توغرا كىشى ئوزىدۇ.
ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى.
باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر، قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
باتۇر جەڭدە، ھورۇن كاڭدا.
باتۇر ساراڭدىن قورقار، ساراڭ مۇتتەھەمدىن.
باتۇر چامىدايدۇ، قورقۇنچاق توختايدۇ.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر.
باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا.
باجا باجىنى كۆرسە تاپىنى قىچىشار.
بار بولسا تۇرالمايدۇ، يوق بولسا چىدالمايدۇ.
بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، بولمىسا، ئارىدا سۇن تاۋىقىم.
بار دېسە بېرىدۇ، يوق دېسە قەسەم.
بار دەپ تۆكمە، يوق دەپ كۆپمە.
بار نېمىنى دېگۈزمەيدۇ، يوق نېمىنى دېگۈزمەيدۇ.
بار پۇلۇمنى ئوغرى ئالدى، قالغىنىنى رەمچى.
بار چاغدا ھورى چىقىدۇ، يوق چاغدا شورى.
باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.
بارلىق بەزدۈرىدۇ، يوقلۇق ئۆگىتىدۇ.
بارلىق ياراشتۇرىدۇ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ.
بارماقنىڭ كەلمىكى بار.
بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ.
بارىغا خوتۇن ئىگە، يوقىغا ئەر.
بارىغا رازى بول، يوققا سەۋىر قىل.
بارچە گۇناھ ئۆزەمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە  باراي.
بازاردا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
بازارنى ئاۋات قىلغان مال، ھويلىنى ئاۋات قىلغان تال.
بازىرى چىققاننىڭ يۇندىسىمۇ پۇل.
باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار.
باش تىل تارازىسىىدا تارتىلىدۇ.
باش كەتسە كەتسۇن، سىر كەتمىسۇن.
باش لىڭىشتقانغا، بۆك كونىرىماس.
باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە.
باشتا سۆز بولسا، ئايىغىدا گەپ بولىدۇ.
باشتا سۇ بولسا، ئاياغدا نان بولىدۇ.
باشقا تاپسا پۇتقا يوق، پۇتقا تاپسا باشقا.
باشقا كەلگەندە باتۇر.
باشقا كەلگەندە باش قاشلايدۇ.
باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى.
بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
بالا بەش، نان ئۈچ.
بالا تېپىش بىر قىيىن، ئۇنى بېقىش مىڭ قىيىن.
بالا زاكىسىدا مەلۇم.
بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس.
بالا قۇچاقتىكى چاغدا سۆيدۈرەر، ئۆسكەن چاغدا كۆيدۈرەر.
بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قىرى كۆرگەننى سورايدۇ.
بالا كەلسە قوش كەپتۇ، ئامەت كەلسە تاق.
بالا كەلسە قوشلاپ كېلىدۇ، بىر-بىرنى باشلاپ كېلىدۇ.
بالا يىغلاپ چوڭ بولار، قاپاق ساڭگىلىشىپ.
بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس.
بالا-قازا باينىڭ يېنىغا كېلەر، كەمبەغەلنىڭ جېنىغا.
بالا-قازا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا.
بالا-قازا قاش-كىرپىكنىڭ ئارىسىدا.
بالا-قازا كۆرنۈپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ.
بالا-قازا كەلسە، قوشلاپ كېلەر.
بالا-قىلغان ئىش چالا.
بالا،بالا بولغۇچە،  ئانىسى موما بولار.
بالاڭ ئۆلسە ئەرگە باق، ئېرىڭ ئۆلسە يەرگە.
بالدرۇر بارغان گۆش يەيدۇ، كېيىن قالغان مۇشت.
بالىدىن نەۋرە تاتلىق، جىگدىدىن گۈلە.
بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلىىسا، چوڭلار ياشىرىشنى ئويلايدۇ.
بالىلىق قاغىغا يەم تەگمەس.
بالىلىقنىڭ كۆڭلى ياش، بالىسىزنىڭ كۆڭلى تاش.
بالىنى ئىشقا بۇيرۇ، كەينىدىن ئۆزۈڭ يۈگۈر.
بالىنى بۇزغۇڭ كەلسە ماختا.
باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
باي بايغا قارار، سۇ سايغا ئاقار.
باي بولسا بۆلۈپ بەرمەس، گاداي بولسا ئۆلۈپ.
باي بىلەن داۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما.
باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
باي قەيەردە بولسا، ۋاي شۇ يەردە.
باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟
باي مېلىنى سۆزلەر، گاداي مۇڭىنى.
باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
باينى مال باسىدۇ، كەمبەغەلنى بالا.
باينىڭ ئېشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى.
باينىڭ مېلى كەمبەغەلنىڭ كۆز يېشى.
باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، يالاڭ تۆگىنىڭ قوپقۇسى .
بوراننىڭ گۈكىرىشىگە تاغ تەۋرىمەس.
بوزەكنى بوزەك ئەتسەڭ، ئۇۋالىغا قالىسەن.
بوش تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ.
بوغۇمسىز يەرگە پىچاق سالما.
بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى.
بولسا ھەرنېمە ئوخشايدۇ.
بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم.
بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خۇرجۇن قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم.
بوي ئىشلىمەي، قول ئىشلەر.
بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
بوينى ئۇزۇندىن سورىساڭ، تۆگىدىن سورا،  ساقىلى ئۇزۇندىن سورىساڭ، ئۆچكىدىن.
بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ، ئايىغى سىرقىرار.
بوينىنى ئېگەلمىسەڭ قولىنى سۆي.
بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس.
بويۇمغا بويى ماس كەلدى، مىجەزىمىز تەس كەلدى.
بويۇڭ يەتمىگەن يەرگە ئېسىلما.
بوۋاق دادىنى ئۈچ كۈندە تونۇيدۇ، ئانىنى قىرىق كۈندە.
بىتەلەي تالقان يېسە، قارنىدىن بوران چىقىپتۇ.
بىر ئاتا ئون بالىنى باقار، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس.
بىر ئادەمگە ئامەت كەلسە، ئۇنىڭ ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەتلىنىپتۇ.
بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغىدۇ.
بىر ئانىدىن ئارغامچا-توقۇناقتىن باشقىسى چۈشەر.
بىر ئىت قاۋىسا، ھەممە ئىت تەڭ قاۋاپتۇ.
بىر ئېغىزدىن چىققان سۆز، مىڭ ئېغىزغا يېيىلار.
بىر خار بولغان، نبىر ئەزىز بولماي قالماس.
بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى، قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن ئارتۇق.
بىر خىل تۇرساڭ، يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن.
بىر خۇشاللىقنىڭ بىر يىغىسى بار.
بىر ساپ ئۈزۈم قىرىق كىشىگە يېتەر.
بىر سۆز بىلەن ئەر ئۆلمەس.
بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە،  بىللە مېڭىپ يولداش.
بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر مىسقال ئەقلىڭ بولسۇن.
بىر شاتراق موزاي پادىنى بۇلغار.
بىر شاختا گۈلمۇ بولىدۇ، تىكەنمۇ بولىدۇ.
بىر كىشى ياققان ئوت، يۈ كىشىنى ئىسسىتار.
بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن دوست.
بىر كۈن بۇرۇن تېرىساڭ، ئون كۈن بۇرۇن يىغىسەن.
بىر كۈنلۈك يولداشقا، قىرىق كۈن سالام.
بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن.
بىر ياخشىلق ئۇنتۇلماس ، بىر يامانلىق.
بىر ياخشىلىق مىڭ بالادىن قۇتقۇزار.
بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، مىڭ ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم.
بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر پاتمان يېرىڭ بولسۇن.
بىر پىلەكتە ئون خەمەك، ھەربىرنىڭ تەمى بۆلەك.
بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس.
بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇپتۇ.
بىر چوڭنىڭ سۆزىگە كىر، بىر كىچىكنىڭ.
بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆرگە ئەنسىزچىلىك.
بىر گۈل ئېچىلماق بىلەن باھار بولماس.
بىر ھارغانغا گەپ  قىلما، بىر ئاچقانغا.
بىرتال باش، بىر قوشۇق ئاش.
بىردىن بەرسەم يەتمەيدۇ، يېرىمدىن بەرسەم تويمايدۇ.
بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك.
بىرنى كەسسەڭ، ئوننى تىك.
بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا.
بىرى ئۆلمىگۈچە، بىرى كۈن كۆرمەس.
بىرى تويۇپ سەكرەيدۇ، بىرى توڭۇپ.
بىرى چالما دەپ تاشلىۋەتسە، بىرى ئالما دەپ ئالار.
بىزنىڭكىگە كەلسەك يەپلا، سېنىڭكىگە بارسام گەپلا.
بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك.
بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ.
بىكار تۇرغۇچە، بىكار ئىشلە.
بىكارچىنىڭ چولىسى يوق، قلغىلى ئىشى.
بىلكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى.
بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي- چوڭقۇرى تولا.
بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما، تىڭشىغانغا سۆز.
بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىب.
بىلىكىڭ توم بولسا، دۈشمىنىڭ سالامغا كېلەر.
بىلىم ئەقلنىڭ چىرىغى.
بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.
بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش.
بىلىمسىزگە ھال ئېيىتقۇچە، ئىچىڭگە سىڭىپ كەتسۇن.
بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم، بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم.
بىلگەن بىلگىىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.
بىگىز قاپتا ياتماس، ئۆلۈك تاغاردا.
بۆرىدىن قورۇققان، قوي باقماس.
بۆرىسى يوق جاڭگال بولماس، ئوغرىسى يوق يۇرۇت.
بۆرىمۇ يولدىشىغا قەست قىلماس.
بۆرىنىڭ ئاغزى يېسىمۇ قان، يېمىسىمۇ قان.
بۆرىنىڭ بالىسىمۇ بۆرە.
بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
بۆرىنىڭ قازىنى يوق، خام يەپ ئۆلگىنى يوق.
بۆرە بالىسى تاغقا قاراپ ھۇۋلار.
بۆرە تاپسا تەڭ ئورتاق، قاغا تاپسا دەرەخ بېشىدا.
بۆرە دوستىغا قەست قىلماس.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر.
بۆرە يوق جاڭگالدا، مايمۇن پادىشاھ.
بۆرە يۇڭىنى پاخپايتىپ، ئورۇقلۇقىنى بىلدۈرمەس.
بۆشۈكتە كىرگەن خۇي ئۆلگەندە چىقار.
بۆكىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى ئېلىپ كەپتۇ.
بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە.
بۇ دۇنيادا جان كېرەك، ئۇ دۇنيادا ئىمان.
بۇ يەردە ئوغرى يوق، ھېلى قويغان ھېلى يوق.
بۇرۇتقا خاپا بولسام، ساقال چىقتى.
بۇزۇلمايدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر.
بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى؟
بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا،موزايۋېشى بوش كەلدى.
بۇغداينىڭ بارار يېرى تۈگمەن.
بۇغداينىڭ باھانىسىدە، قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ.
بۇقا مۆرەيدۇ، پۇتى تىتىرەيدۇ.
بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ.
بۈركۈت بوراندىن قورۇقماس، باتۇر ئۆلۈمدىن.
بۈرگىدەك ئەيىبىم تۆگىدەك كۆرۈندى.
بۈگۈن ماڭا، ئەتە ساڭا.
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
بېخلىنىڭ شامى ئاقسا، كۆزىنىڭ يېشى ئاقار.
بېخىل ئالغاننى ئۇنتۇيدۇ، سېخىي بەرگەننى.
بېخىل باي بولسا، ئاتىسىنى تونۇماس.
بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى.
بېخىل بايدىن نان چىقماس، ئۆلۈك مالدىن قان.
بېخىل بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن قىرىق قېتىم ئۆتەر.
بېخىل تاپسا يېپىپ يەر، سېخىي تاپسا ئېچىپ.
بېخىل جېنىدىن كېچەر، مېلىدىن كەچمەس.
بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ.
بېخىلدىن پۇل ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق.
بېخىلغا « نان» دېسە، « جان»دەپ ئاڭلىنار.
بېخىلنىڭ ئۆلۈكىنى ئىت يېمەس، تىرىكىنى پىت.
بېخىلنىڭ ئېشى پىشماس.
بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەس.
بېخىلنىڭ تېزىكىگە بېگىز ئۆتمەس.
بېخىلنىڭ قولى بىلەن يانچۇق ئارىسى قىرىق كۈنلۈك.
بېرىشتە سانىقى توققۇز، ئېلىشتا سانى ئوتتۇز.
بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول.
بېشى باش بولسۇن، ئايىغى تاش.
بېشى يوغان بەگ بولار، پۇتى يوغان قۇل.
بېشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
بېشىڭ ئىككى بولمىغۇچە، قاچاڭ ئىككى بولماس.
بېشىڭ نەدىن كېتەر-تىلىڭدىن.
بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ،  يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ.
بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق.
بېلى بوشنىڭ گېپى بوش.
بېلىق بېشىدىن سېسىيدۇ.
بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا.
بېلىق سۇغا تارتىدۇ، توشقان سايغا.
بېگىم چىقىتى يامۇلدىن، قورقۇپ كەتتىم دورغىسىدىن.
بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭ ئۇشتۇلار.
بەتنىيەتنىڭ يولى تار.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قازا جۈپنى تاق قىلىدۇ.
بەختى بار تاپىدۇ، بەختى يوق چاچىدۇ.
بەختىسز قىز تېزەك تەرگىلى چىقسا، كالىلار سۇغا تېزەكلەپتۇ.
بەخىتسىزنىڭ بېغىغا مۆلدۈر ياغار.
بەرسە قولىدىن ئالار، بەرمىسە يولدىن.
بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن.
بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر.
بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
بەرمەككە بىرمۇ كۆپ، ئالماققا ئونمۇ ئاز.
بەرگەن باتۇر ئەمەس، سورىغان باتۇر.
بەش بارماق ئېغىزغا سىغماس.
بەش بارماق تەڭ ئەمەس.
بەش قول بىردەك ئەمەس.
بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم، ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن.
بەگ بىلەن ئېلىشىپ بولماس، دەرەخ بىلەن چېلىشىپ.
تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرىدۇ.
تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئېلىنار.
تار يەردە ئاش يېگۈچە، كەڭ يەردە مۇش يە.
تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشار.
تاز چىۋىننى قوندۇرماس، چىۋىن تازنى تىندۇرماس.
تازغا تارغاق بەرسەڭ، يىلىم تىلەيدۇ.
تازغا مەنسەپ تەگسە، چەللىدە ئات چاپار.
تازنى ئەر بولمايدۇ دېمە، سازى يەر.
تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى.
تازنىڭ كۆزى چاچتا، قىزنىڭ كۆزنىڭ كۆزى قاشتا.
تاسما يېگەن ئىت ئۆلگۈچە خۇيىنى تاشلىماس.
تاش ئاتقانغا ئاش ئات.
تاش بىلەن ياڭاق تەڭ بولماس.
تاش چۈشكەن يەردە ئەزىز.
تاشقا چاچ، بەختىڭدىن كۆر.
تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ.
تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، خۇي يۆتكەلمەس.
تاغقا چىقماق ئاسان،چۈشمەك تەس.
تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكنى قوغلاپتۇ.
تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلىكى يوق.
تالقان يەۋېتىپ ئوتنى پۈۋلىگىلى بولماس.
تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ.
تام تېشىپ تېرىق ئاپتۇ، مۇز تېشىپ بېلىق.
تاما-تاما كۆل بولار.
تامغىلىق مال يوقالماس.
تامچە سۇ بەڭگىگە دەريا كۆرۈنەر.
تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بوپتۇ.
تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت.
تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن.
تاينى باقساڭ ئات بولۇر، بۆرىنى باقساڭ يات.
تاپالىساڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يە، تاپالمساڭ شامال.
تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر، تاپمىغىننى چۈجە-خوراز.
تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان.
تاۋار-دۇردۇن ئاشار، لاي ئاشماس.
تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ، سىنى كەتمەس.
توخۇ بۈركۈت بولالماس.
توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە جاڭگال.
توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچكە داڭگال.
توخۇ چىللىمىسىمۇ تاڭ ئاتىدۇ.
توخۇنى ئوغۇرلىغانمۇ ئوغرى، تۇخۇمنى يېگەنمۇ ئوغرى.
توخۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە، يولۋاسنى قورقۇتقىلى بولماس.
توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا.
تورپىقىمنى كىچىك دېسەڭ، يوغان تاغار ئارتىپ كۆر.
توز پېيىنى ئاسرايدۇ، كىشى ئۆز ئابرويىنى.
توزاقتىن قورۇققان قۇش، ئاچا ياغاچقا قونماس.
توشقان ئۆلسە، تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ.
توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشغان ئەلا.
توغرا ئادەم سايىسىنىڭ ئەگرىلىكىدىن قوقماس.
توغرا ئېيىتقان تۇغقىنىغا يارىماپتۇ.
توغرا سۆز تاشنى يارار، تۆھمەت باشنى.
توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
توق كېكىرەر، ئاچ ئوسۇرار.
توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ.
توقۇناق بالا، ئىلمەك قازا.
توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا.
توكۇر ئۇسسۇلچى، كېكەچ غەزەلچى.
توكۇرنى ياردا تۇت، توشقاننى قاردا.
توكۇرنىڭ مېڭىشى تولا، گاچىنىڭ گېپى.
تولا سايرىغان بۇلبۇل قەپەسكە چۈشەر.
تولا گەپنىڭ مەززىسى يوق، كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى.
توي نەغمە-ناۋا بىلەن، ئۆلۈم يىغا-زار بىلەن.
تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار.
تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار- تورقا كىيىپ بار.
تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار-تورقا كىيىپ بار.
تويغۇچە يە، تەرلىگۈچە ئىشلە.
تويماس كۆزنى گۆرنىڭ توپىسى تويدۇرار.
تويمىساڭ، تويۇڭدا تويارسەن.
توپ بولدۇق، توق بولدۇق.
توڭگۇز دۇمبا بىلەن سەمىرىيدۇ.
توۋا قىلغانغا تۆگە بەر.
تىرناق ئەتتىن ئايرىلماس.
تىرىشچانغا ۋاقىت يەتمەس، ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.
تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا.
تىرىك بولساق بىر يەردە بىز، ئۆلۈك بولساق گۆردە بىز.
تىرىك بولۇپ ساندا يوق، ئۆلۈك بولۇپ گۆردە.
تىرىككە ئۆي تېپىلار، ئۆلۈككە گۆر.
تىرىككەك ئاسان قېرىيدۇ.
تىرىلغانغا يەر قېرىماس، ئىشلىگەنگە ئەر.
تىز پۈكۈپ ياشىغۇچە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقان قادال.
تىلدىن كەلگەن قولدىن كەلسە، ھەركىم پادىشاھ بولار.
تىلنىڭ سۆڭىكى يوق، گېپىنىڭ تايىقى يوق.
تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق.
تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت.
تىلى ھەسەل، ئىچى زەھەر.
تىلىسەڭ تاپارسەن.
تىلەمچىنىڭ خالتىسى تولسىمۇ، كۆزى تويماس.
تىگىنىڭ تېگىدە تىلى بار.
تۆت پۇتلۇق ئاتمۇ پۇتلىشىپ يىقىلار.
تۆشۈك يىرتىقدىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.
تۆمۈرنى دات يەيدۇ، يۈرەكنى دەرد.
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق.
تۆمۈرنى قىسقا كەس، ياغاچنى ئۇزۇن.
تۆمۈرچىنىڭ پالتىسى يوق، ياغاچچىنىڭ تۇۋىقى.
تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسۇن.
تۆگىمۇ تۆگە، مايىقىمۇ تۆگە.
تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆرەر.
تۆگىنىڭ مەيلى بولسا، يانتاققا بويۇن ئۇزىتار.
تۆگە ئۇسسۇلغا چۈشسە، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار.
تۆگە ئېتىز بۇزسا ھېچ گەپ يوق، توخۇ پالاقلىسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ.
تۆگە سىلكىنسە ئون ئېشەككە يۈك چىقار.
تۆگە قانچە بولسا، يېغىر شۇنچە بولىدۇ.
تۆگە مىنىپ تۆگە ئىزدەپتۇ.
تۆھمەتخور ئاخىر تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
تۇتسا سېپى يوق، قىچقارسا ئېتى.
تۇخۇمنىڭ پۇتى يوق، چۈجىنىڭ بار.
تۇرغانلارغا تۈۋرۈك بول، ماڭغانلارغا كۆۋرۈك.
تۇرقى ئىنسان، خۇلقى ھايۋان.
تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.
تۇزلۇق قاپاقتىن تۇز، ياغلىق قاپاقتىن ياغ تەپچىيدۇ.
تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىغا تۈكۈرۈپتۇ.
تۇزۇڭنى يەپ، تۇزلۇقۇڭنى چاقاي.
تۇغقان يىراق بولسا كىشنىشىدۇ، يېقىن بولسا چىشلىشىدۇ.
تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
تۇغۇلمىغان تاينىڭ دۈمبىسى يېغىر.
تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەزىر بولۇپ تۆلىمىگىنىڭنى.
تۇل بولساڭمۇ، قۇل بولما.
تۇل خوتۇننىڭ چۈشىگە ئەر كىرىدۇ، باينىڭ چۈشىگە يەر.
تۇمشۇقىغا يېمەي، بۇرنىغا سۇ كىرمەس.
تۇمىغىنى ئال دېسە، بېشىنى كېسىپتۇ.
تۈتۈنسىز ئوت بولماس، نۇقسانسىز يىگىت.
تۈتۈننى بۇلۇت كۆرمەس، يۇندىسىنى ئىت.
تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.
تۈرۈككە بىر تاياق، موللىغا ئون تاياق.
تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس.
تۈلكىنى كۆرەڭلەتكەن، يوۋاسنىڭ ھەيۋىسى.
تۈلكىنىڭ تېرىشى ئۆزىگە دۈشمەن.
تۈلكىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
تۈڭلۈكىدىن شامال كىرمەس، ئىشىكىدىن ئادەم.
تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ.
تۈگمەن بىر ئايلانغۇچە، ئىگىسى يۈز ئايلىنار.
تۈگمەندە تۇغۇلغان چاشقان، گۈلدۈرمامىدىن قورقماپتۇ.
تېجىمەل كېپەن تاپسا ئۆلۈۋالار.
تېجەشلىك ئادەم قېيىن ئۆتكەلدىن ئاسان ئۆتەر.
تېرىغان خامان ئالار، تېرىمىغان ئارمان.
تېرىق قۇلىقىدىن، بالا كىچىكىدىن.
تېرىقمۇ تېرىمايمەن، قۇشقاچمۇ قورۇمايمەن.
تېرەكتىن شاپتۇل تەمە قىلما.
تېرەڭدە داپ ئېتىمەن، سۆڭىكىڭدە ساپ.
تېزىنى باسساڭ مېزى چىقار.
تېزەكنى كوچىلىساڭ سېسىقى چىقار.
تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال.
تېكىنى سورىغۇچە ئۈزۈمىنى يە.
تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
تەر تۆكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
تەرتىپنى سەن تاپساڭ، تەرتىپ  سېنى تاپىدۇ.
تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ ئۆتمەس.
تەرلىگۈچە ئىشلە، تويغۇچە يە.
تەرىقەتنى ئىزدىسەڭ قىينىما جاننى.
تەسۋى تارتقاننىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس.
تەشنا ئادەم چۈشىدە سۇ كۆرەر.
تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال.
تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر.
تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەڭ ئېتىپ.
تەمەگەرنىڭ تامىقى قۇرۇق.
تەن ساقلىقى پادىشاھلىق.
تەن ساقىلىقى جاننىڭ راھىتى.
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەن.
تەييار ئاشقا ئېغىز كۆپ.
تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ئاسان كېلەر قېشىغا.
تەييار گۆشنى يېگەن يولۋاس ئەمەس.
تەييارلىق بار يەردە بالا-قازا يوق.
تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر، يالغۇز يېگەن يەرگە.
تەڭشەلمىگەن دۇنيا.
جاغدا قېرىماس، ئوغرى بېيىماس.
جان بار يەردە قازا بار.
جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان.
جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
جان كۈندە چېچەكلىمەس، جاننى ئاسرىساڭ، ۋاقىتنى چىڭ تۇت.
جان كۈندە چېچەكلەمدۇ، قوغۇن كەندە خەمەكلەمدۇ
جان چىققاندا ياسىننىڭ نېمە كېرىكى.
جان چىقمىغۇچە خۇي چىقماس.
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس.
جاننى ئېلىپ قاچقان يول تاللىماس، قورسىقى ئاچقان نان تاللىماس.
جاننى پۇلغا ئالغىلى بولماس.
جاي بەرگەنگە جان بەر.
جايى يوقنىڭ جېنى يوق.
جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق.
جاپانىڭ تېگى راھەت.
جاڭگال ئارقىسىدىكى كۆرۈنەر، بۇرۇن ئاستىدىكى كۆرۈنمەس.
جاڭگالدا يوقالغان ئىشەكنى، ئۆيدىكى مومايدىن سوراپتۇ.
جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك، شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ.
جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق.
جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
جاھىل ئۆز بېشىنى يەر.
جمغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە.
جىرتاق خوتۇنغا چاپاق ئەر.
جىق بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر.
جىقنى دەپ ئازدىنمۇ قۇرۇق قاپتۇ.
جىم تۇرغان تامغا ئۈسمە.
جىم ياتقان يىلاننى قوزغىما.
جىمغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا.
جىندىن قېچىپ ئالۋاستىغا ئۇچراپتۇ.
جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا.
جىننىڭ گېپىنى قىلسا جىن چىقار.
جېدەل نەدىن كېلەر تالاشتىن، بالا نەدىن كېلەر قاياشتىن.
جېدەلنى باشلىغان لاپچى، ئۇسسۇلنى باشلىغان داپچى.
جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس.
جەڭدە ئۆلسە بىر كىشى، ئىز باسىدۇ مىڭ كىشى.
جەڭنىڭ بىر جەڭ، توققۇزى رەڭ.
خامان ئالماق-شەھەر ئالماق.
خاننىڭ قىزى چۆمۈچ تۇتسا، قولى قاپىرىپتۇ.
خانىۋەيران قىلسا قىلسۇن، داغى پەرزەنت قىلمىسۇن.
خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال، ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن.
خوتۇن بىشەم بولسا، سەب بىغەم بول.
خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار، ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز.
خوتۇن خەقنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا.
خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال.
خوتۇن قانىتى ئەر، ئەر قانىتى ئات.
خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل بولار.
خوتۇن كىشى لاپ بىلەن يۈرەر، ئۇستىرا كاپ بىلەن.
خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
خوتۇن كىشىنىڭ جېنى قىرىق بىر.
خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر.
خوتۇنسىز ئەر قىرسىز يەر.
خوتۇنغ ئامراق بالىغا ئۆچ، قايماققا ئامراق كالىغا ئۆچ.
خوتۇنغا ئىشەنمە، قومۇشقا يۆلەنمە.
خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.
خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.
خوتۇنۇم ئۆلدى، قامچام سۇندى.
خوتۇنۇڭ ئەقىللىق بولسا، كۆڭلۈڭ يورۇق بولار.
خوتۇنۇڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلەي دېسەڭ، قوشناڭ بىلەن ئۇرۇشقاندا قاراپ تۇر.
خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىىسى.
خوجامنىڭ قورسىقى توق، قىلغىلى ئىشى يوق.
خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
خورازنىڭ تاجىسى بولغۇچە، تۆگىنىڭ قۇيرىقى بول.
خىل خىلى بىلەن، پىچاق قىنى بىلەن.
خىل خىلىغا، گۈل گۈلىگە.
خىيال كېچىدە ئېچىلار، گۈل سەھەردە.
خۇشال بولغاندا كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس.
خۇشامەتچى بېلىدىن قېرىيدۇ، ماختانچاق ئاغزىدىن.
خۇشامەتچىنىڭ چىشى بولسىمۇ، سۆڭەك غاجار.
خۇشياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ، ئالتىنچى ئايدا قولى توڭۇپتۇ.
خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسەم ئىش تولا.
خۇيلۇق قىز ئۆي تۇتالمايدۇ.
خۇيى ياماننىڭ پەيلى يامان.
خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما.
خېمىر، ئۇچىدىن پېتىر.
خېنىمنىڭ قېشىنى كۆرۈڭ، تاۋىقىنىڭ تېشىنى.
خەقنىڭ ئىشىغا تومۇزدىمۇ قول توڭلايدۇ.
خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
خەلق ئېيىتماس، ئېيىتسا خاتا بولماس.
خەلق ياندۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.
خەلق«پۈۋ»دېسە بوران چىقىدۇ.
دادام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا.
دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
دام ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
دانا قەدرىنى ئەخمەق بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق.
دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار.
داننى بۇ يەردىن يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ.
داپقا بېقىپ ئۇسسۇل.
دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
دوزاخقا ئۆگەنگەن كۆڭۈل، بېھىشقا كۆنمەپتۇ.
دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
دوست بول، سىرىنى بىل.
دوست كۆپ، توغرىسى ئاز.
دوست كەينىڭدىن ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا.
دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
دوستقا ئىناق بول، دۈشمەنگە  يىراق.
دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
دوستنىڭ ئاتقان تېشى باشنى يارماس.
دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى.
دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.
دوستۇڭ قاغا بولسا،  يېيىشىڭ پوق.
دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
دوستۇڭغا دەرد كەلسە، دۈشمىنىڭنىڭ تويى بولار.
دوك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر.
دوپپىسىنى ئال دېسە، بېشىنى ئاپتۇ.
دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى.
دۆتكە نەسىھەت كار قىلماس، قارىغا سوپۇن.
دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى.
دۆلەت ئەرنى يىقىتار، شامال يەرنى قۇرۇتار.
دۆلەت قۇشى قونسا چىۋىن بېشىغا، سۇمۇرغ كېلەر ئۇنىڭ قېشىغا.
دۆلەت كەتسە كەتسۇن، سۆلەت كەتمىسۇن.
دۆڭنى كۆرۈپ تاغ دېمە، گۈلنى كۆرۈپ باغ.
دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە.
دۇنيا دېگەن قولنىڭ كىرى
دۇنيادا ئىككى ئۆلۈم يوق، بىرىدىن قۇتۇلغان ھېچكىم يوق.
دۇنيانى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ نېمە غېمى.
دۇنيانىڭ ئىشىنى ئاخىرەتكە قالدۇرما.
دۈشمەن تاش سانىسا، خەلق قۇم سانايدۇ.
دۈشمەن قاچقاندىن كېيىن باتۇر كۆپىيەر.
دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار.
دۈشمەننى ئۆيۈڭگە يوللاتما، قارىياغاچنى بېغىڭغا.
دۈشمەنگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە كېلەر.
دېسەڭ گەپ بولىدۇ، دېمىسەڭ دەرد.
دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى
دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى.
دېھقاننىڭ بۇرنىغا يەر پۇراپتۇ.
دېھقانچىلىق گاھىدا چىلىق-چىلىق، گاھىدا قۇرۇقچىلىق.
دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس.
دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق.
دەرد كەلگەندە دەرمان كېتەر.
دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك.
دەردى يوق- ئالەمدە يوق.
دەردى يوققا ۋاي چىشىم  دېمە.
دەريا تېشىپ كەتسە، ئۆردەكنىڭ نېمە ئىشى.
دەريادىكى بېلىقىنىڭ باھاسى يوق.
دەريانى توسقىلى بولار، ئەل ئاغزىنى توسقىلى بولماس.
دەسلەپكى بىلەن ئۆي تۇتمىساڭ، ئۆلگۈچە پوشايمان.
دەشنەم يېگىنىم، بەش نان يېگىنىم.
دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق.
دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىماس.
دەۋا كەچەيسە پۇلۇڭنى ئالار، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى.
دەۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتتەھەم بولار.
رازى بولمىغان ئاش قورساق ئاغرىتىدۇ.
راست ئېيىتقان قۇتۇلار، يالغان ئېيىتقان تۇتۇلار.
راست ئېيىتىڭ قۇتۇلدۇڭ، يالغان ئېيتىڭ تۇتۇلدۇڭ.
راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولالماس.
راست گەپ بوسۇغىدىن  چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
راست گەپكە سۇئال يوق.
راست گەپنىڭ خىجالىتى يوق.
راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ،  يولۋاسنى كۆرسە تايغان.
راسلىق-ھەقلىق.
رودۇپاي كالتەكتىن قورقىدۇ.
روزىنى مەن تۇتسام، ھېيىتنى باشقىلار ئوينىدى.
رەختى بارنىڭ بەختى يوق، بەختى بارنىڭ رەختى يوق.
رەمچى سالىدۇ رەمنى، كۆڭۈلگە سالىدۇ غەمنى.
رەمچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى ياخشى.
رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.
زاتى پەسنىڭ تېگى پەس.
زارلىغانغا كەلمەيدۇ، قارىغانغا بەرمەيدۇ.
زاغرىنى يەپ، ناغرىنى چال.
زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر.
زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ.
زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق.
زامانغا قاراپ ئىش تۇت، يوتقانغا بېقىپ سۇن پۇت.
زامانەڭ تۈلكە بولسا، سەن ئۇنىڭ تايغىنى بول.
زاھىتلىققا سەللە نە كېرەك، مۇھەببەتكە دەللە.
زورلۇقنىڭ ئاقىۋېتى خورلۇق.
زىخمۇ كۆيمىسۇن، كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن.
زىغىر تېرىغان يەر، كېزىك بولغان ئەر.
زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
زھەرلىك يىلاننىڭ قاسىرىقى ئالا.
زېرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ، قوپال كۆپۈپ.
زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن، چۈشىدە نان.
زەردار مېلىنى ماختار،  گاداي بالىسىنى.
زەرنىڭ دوستى تولا، زەگەرنىڭ دۈشمىنى.
زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ.
سائىتى كەلگەندە سەپەر قىل.
ساتمىدا قىلغان گەپنى، سارايدا قىلغىلى بولماس.
ساتىراش باشقا قارايدۇ، ياماقچى ئاياغقا.
ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، بىلىملىكتىن قاچىدۇ.
سار چۈجىنىڭ چۈكۈلدىغىنىغا خۇش.
ساراڭغا سوت يوق.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، چالمىنىڭ قوڭى.
ساردىن لاچىن تۇغۇلۇپتۇ.
سارنىڭ چۈجىگە ئىچى ئاغرىماس.
سارىخان ئاچام ئۆيدە، ئەخلەت، كۈلى تۆردە.
ساق كۆز يىغلىسا، قارىغۇ كۆزدىن ياش چىقىپتۇ.
ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس.
ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك.
ساقلىق- بايلىق.
ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار، بالىلىقنىڭ تېخى بار.
سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل.
سامان ئوتۇن بولماس، جالاپ خوتۇن بولماس.
سانىماي سەككىز دېمە.
سايدا تاش تېپىلماپتۇ، ئاختارمىدا داڭگال.
سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە.
ساپ ھاۋا تەنگە داۋا.
ساپال ئۈچۈن ساق قالغۇچە، گۆھەر ئۈچۈن كۈكۈم-تالقان بول.
ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك.
سودا-سېتىق پۇلدىن باشقىنى تونۇماس.
سودىدا دوست يوق.
سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇن تۇل.
سودىگەرنىڭ يولى بىر، رىزقى باشقا.
سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.
سوراشقا ماھىر تاغدىن ئۆتەر، سورىمىغان تۈزلەڭدىمۇ تېنەر.
سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
سوراپ بىلىش ئەيىب ئەمەس.
سورىمىغان سۇئالغا جاۋاب بەرمە.
سورىمىغانغا گەپ يوق، ئۇچرمىغانغا سالام.
سوقۇشقاق خوراز سەمىرمەس.
سوقۇشۇشتا قورققان خوراز، چىللاشتىن قالىدۇ.
سىر بەرگەنلىك جان بەرگەنلىك.
سىردىشىشىقا ئۆز ياخشى، سۆيۈشكە يات.
سىنالمىغان ئاتقا يۈك ئارتما.
سىيگەك سۇغا ئامراق.
سىڭمىگەن پولودىن ، سىڭمىگەن ئۇماچ ياخشى.
سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان ياخشى.
سۆز بىلەن پولو پىشماس، ماي بىلەن گۈرۈچ لازىم.
سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول بەرگەن ئوزۇق.
سۆز تېپىلغاندا يار يوق، يار تېپىلغاندا سۆز.
سۆزدىن سۆز چىقار، شورىدىن تۇز.
سۆزلىسەم تىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىمىسەم دىلىم.
سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى.
سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
سۆزنى قىلىشتىن ئاۋۋال، ئېغىزدا چايناپ كۆر.
سۆزنىڭ ئېزى ياخشى، ئاشنىڭ تۇزى.
سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى.
سۆزى توغرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈستۈن.
سۆيدۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل.
سۆيمىگەنگە سۈركەلمە.
سۆيمەك ئاسان، كۆيمەك تەس.
سۆيگۈ پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس.
سۆيگەن ئوتتەك ئىسسق، سۆيمىگەن پوقتەك سېسىق.
سۆيگەن كىشىنىڭ ئەيىبى كۆرۈنمەس.
سۇ ئىچكەن كۆلگە تۈكۈرمە.
سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا سۇندۇرغان ئەزىز.
سۇ باشتىن لاي.
سۇ تاشسا دۆڭگە چاپ.
سۇ تالاشساڭ بېشىنى تالاش.
سۇ تۆۋەنگە ماڭىدۇ، تۈتۈن يۇقىرىغا.
سۇ كېتىدۇ، تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ، قاش قالىدۇ.
سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر.
سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇت.
سۇ كەلگۈچە تۇغان سال، سۇ كەلمىسە تۇغان تۇت.
سۇ يوق يەردە تەيەممۇم.
سۇ يەتتە يۇمىلىسا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
سۇ-يەرنىڭ قېنى، يەر- دېھقاننىڭ جېنى.
سۇدا پىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز.
سۇس ئەردىن جۈش ئايال ياخشى.
سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت.
سۇغا  بېرىپ چىلەكنى ئۇنتۇپتۇ.
سۇغا يىقىلغان يامغۇردىن قورقماس.
سۇغا يېقىن سۇچى كېلەر، چۆلگە يېقىن نوچى.
سۇلتان كۈندۈزنى كېچە دېسە، كۈننى ئاي دېگۈلۈك.
سۇنغان توقاچ يېپىشماس.
سۇنى كۆرمەي ئۆتەك ساپتۇ.
سۇنىڭ ئېقىشىغا باق، تۆگىنىڭ يېتىشىغا.
سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.
سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى.
سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن ، قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچىدۇ.
سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار.
سۈتسىز ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
سۈتلۈك ئىنەك مەھەللىدىن ئاشماس.
سۈيۈم كۆلدە-ئېشىم چۆلدە.
سۈيۈڭ مول-ئېشىڭ مول.
سۈيۈڭ مول-ھوسۇلۇڭ مول.
سېخىي تاپسا بۆلۈپ يەر، بېخىل تاپسا بېسىپ.
سېخىي خەيرى قىلسا، بېخىل قان چىچار.
سېخىي دېسە مېلىدىن كېچىپتۇ، مەرد دېسە جېنىدىن.
سېخىينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار، بىخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ.
سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ قېنى چىقار.
سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
سېرىقتالدا كەلگەن مېھمان، ئوغرى كەلگەندىنمۇ يامان.
سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى تۇرۇلغا تارتىۋاپتۇ.
سېمىز قوينىڭ ئۆمرى قىسقا.
سېمىزلىك ئىككى پۇتقا يۈك.
سېنىڭ ياشلىقىڭدىن، ئۆتۈكۈمنىڭ باشلىقى ياخشى.
سەت كۆرۈنگەن سارايغا تۈۋرۈك بولۇر.
سەتلىكىمنى بىلىندۈرمىگەن، خۇشخۇيلۇقۇم.
سەدىقە بالانى يەر، تۆۋا گۇناھنى.
سەركىسى بولمىغان پادا يولدىن ئازار.
سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
سەكرىگەننى باس، يىقىلغاننى يۆلە.
سەللە بىلەن يوتقانغا كىرىپتۇ.
سەللە يوغان ئىمان يوق، دەرۋازا يوغان بىر نان يوق.
سەللە يوغان باش كىچىك، داستىخان يوغان نان كىچىك.
سەن ئۆل مەن ياشاي.
سەن بالا، مەن سالا، ئاتقا بوغۇزنى كىم سالا.
سەن بۆرىنى ئايىساڭ، بۆرە سېنى تالايدۇ.
سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي.
سەن تاش سانىساڭ، باشقىلار قۇم سانايدۇ.
سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن، مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن.
سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
سەپەر قىلغان يول بىلەر، كۆپ كۆرگەن مول بىلەر.
سەھراغا چىقسا ئېشىكىنى تونۇمايدۇ، شەھەرگە كىرسە دوستىنى.
سەھەردىكى چۈش ئوڭۇڭدىكى ئىش.
سەۋر ئەقىلنىڭ بەلگىسى.
سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر.
سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.
سەۋزىدىن  خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەپ يەپتۇ.
سەۋىرلىك چىدار، سەۋىرسىز يىغلار.
سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار.
سەۋەپىسز ئىش يوق.
شاخىنىچى كالا خاماننى بۇلغايدۇ.
شار-شار يامغۇر ياندىن ئۆتەر، سىم-سىم يامغۇر جاندىن.
شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ، ئالدى-كەينىنىڭ پەرقى يوق.
شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش.
شام ئۆز يىپىنى كۆيدۈرەر.
شامال ئۆتۈشمەيىدىغان تام يوق.
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
شاپاققا تېيىلىپ، ئۇرۇققا زوڭ ئولتۇرۇپتۇ.
شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال.
شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
شېكەرنىڭ ئېزى شېرىن.
شەرتى كېتىپ، پەرتى قالدى.
شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار.
شەنگىنىڭدىن قورقمايمەن، قوناقلىقتىن چىقمايمەن.
شەيخ قاچقان بىلەن مازار قاچماس.
شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ.
غاز كەلدى، ياز كەلدى. غاز كەتتى، ياز كەتتى.
غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى.
غورا بولماي مېغىز بولماس.
غورا غورىنى كۆرسە  ئالا بوپتۇ.
غونىجىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.
غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىماپتۇ.
غۇلىچى تۈگەپ، غېرىچى قاپتۇ.
غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر.
غېرىچقا ئېرىشىپ، غۇلاچقا تىكىلىپتۇ.
غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرزە تۇغۇلار.
غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
غەم قىلغۇچە، پەم قىل.
غەم-قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ.
غەم-قايغۇسىز ئادەم سۇ ئىچسىمۇ سەمرىيدۇ.
غەمىسزنىڭ پەرۋايى پەلەك.
غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
غەيرەتلىك بولسا، يۇلتۇز سانايسەن.
غەيرەتلىك كىشى تاغنى قۇم قىلار.
غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى.
غەيۋەت-شىكايەت جېدەلگە دالالەت.
قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال.
قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرۇت يەيدۇ.
قاتتىق گەپ قىلساڭ، قېتىۋالىدۇ، يۇمشاق گەپ قىلساڭ يېتىۋالىدۇئ
قاتىلدىن ئىمان كەپتۇ، پالتىدىن زۇۋان.
قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس.
قارا ئېشەكنىڭ تېزىكى ئىششىققا داۋا.
قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ.
قارا كىگىز ئاقارماس.
قارادا پولۇ، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ.
قارامنىڭ بېشى تاشقا تېگەر، زېرەكنىڭ ئاغزى ئاشقا.
قاراڭغۇ يولنى قاراقچى بىلەر.
قاراڭغۇنىڭ كۆزى يوق.
قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس.
قارلىغاچ قارلىغاچقا دان بېرىدۇ، قېرىنداش قېرىنداشقا جان بېرىدۇ.
قارلىغاچ پەس ئۇچتى، يەرگە يامغۇر چۈشتى.
قارنى يامان ھېيىتتا ئۆلەر.
قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن، قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن.
قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.
قارىغۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتار.
قارىغۇغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق.
قارىغۇغا يول كۆرسەتسە، ئۆزۈم تاپقان يول دەيدۇ.
قارىغۇغا چوڭ يول تار كېلەر.
قارىغۇنى ياردا قىستاپتۇ.
قارىغۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭساڭ، گوداڭغا چۈشۈرسەن.
قارىغۇنىڭ كۆزى كۆرمىسىمۇ، كۆڭلى تۇيار.
قارىماي ئېتىۋېدىم، بېشىمغا تەگدى.
قارڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.
قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر.
قازاغا رىزار، بالاغا سەۋر.
قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ.
قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ.
قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈشكە شۇ چىقار.
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.
قازانمۇ ياغ، چۆمۈچمۇ ياغ.
قازاننىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ ياغ.
قازاننىڭ گۇۋاھچىىسى چۆمۈچ.
قازاننىڭ ھورى يامان، يىتىمنىڭ زارى.
قازىنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا.
قاسساپ دوستىغا سۆڭەك بېرەر.
قاسساپ ياغ چاينايدۇ، ئاشپەز گۆش.
قاسساپقا پۇل بېرىپ، ناۋايغا قاراپتۇ.
قاسساپنىڭ پىچىقى ئەپلىك، ئاشپەزنىڭ چۆمۈچى.
قاش بىلەن كۆز جايىدا بولسا، باشقىسى بازاردا بار.
قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس.
قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
قاشاڭ ئۆردەك بالدۇر ئۇچىدۇ.
قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس.
قاغا كەكلىكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆز مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
قالاشنى بىلسەڭ قارمۇ كۆيىدۇ.
قالغان ئىشقا قار ياغار.
قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېسەر.
قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز يوق.
قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار.
قانائەت-تۈگىمەس خەزىنە.
قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.
قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن.
قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
قايغۇدىن كېيىنكى خۇشاللىق ياخشى، خۇشاللىقتىن كېيىنكى قايغۇ يامان.
قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ.
قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل.
قاپاقتا نېمە بولسا، تېشىغا شۇ تەپچەر.
قاپاقنى پۇلغا ئالماي، باراڭنى پۇلغا ئاپتۇ.
قاپمۇ تەڭ، قاپچۇقمۇ تەڭ.
قاپىقى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەرنى سۈپۈرىدۇ.
قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغانغا ھۆرمەت.
قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
قاۋىمىغان ئىتقا تاش ئاتما.
قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
قوتۇر كالىغا مۈڭگۈز ياراشماس.
قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يېيىشىتىن قورقما.
قورساق توق، كۆڭۈل شوخ.
قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
قورساق گول، ئېغىز تېگىشلىك بولمىغانزادە.
قورساقنىڭ ئاچقىنى، ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
قورساقنىڭ مەيلىچە بولسا،ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ بەر.
قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستىۋاشتا.
قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر.
قورققان ئىت ئارقىسىغا قاراپ خىرقىرار.
قورققان مۈشۈككە چاشقان ئۇۋىسى ساراي كۆرۈنۈپتۇ.
قورققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر.
قورققاننى ئەجەل قوغلار.
قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ، مىڭ قېتىم ئۆلەر.
قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار، نامەرد قەسەمخور بولار.
قورقۇنچاقتا نومۇس يوق.
قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، باتۇرنىڭ چومىقى بول.
قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ.
قوشماق تەس، ئايرىلماق ئاسان.
قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك.
قوشناڭ ساڭا باقمىسا، سەن قوشناڭغا باق.
قوشناڭ كەلسە ئاشقا، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
قوشناڭ يىغلىغاندا، سەن كۈلمە.
قوشۇق بولۇپ يالىشىپتۇ، ئىت بولۇپ تالىشىپتۇ.
قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس.
قوغۇننىڭ ئوبدىنى ئۇزۇن پىلەكتە، چىشنىڭ ئوبدىنى تۆۋەن ئىڭەكتە.
قول ئىچىگە ئېگىلەر.
قول تەگمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا يەڭ ئىچىدە.
قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى.
قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.
قول يارىسى كېتەر، تىل يارىسى كەتمەس.
قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق.
قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس.
قولنى چىشلىىسە ئاچچىق، قوڭنى چىشلىسە سېسىق.
قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق.
قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ.
قولى سۇنۇقنىڭ دەردىنى، قولى سۇنۇق بىلىدۇ.
قولى قاشاڭ موللىدىن، ئايىغى ئىلدام بالا ئەلا.
قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا.
قولى گۈل ئېتىدۇ غىزا، قولى گاس تارتىدۇ ئىزا.
قولۇم ئوچۇق، يۈزۈم ئاق.
قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس.
قولۇڭ ماي بولسا، قونچۇڭغا سۇۋا.
قولۇڭ ياغ بولسا، يېنىڭغا سۈركە.
قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا.
قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.
قومۇش ئۆيۈم كۈمۈش ئۆيۈم.
قوناقلىققا چالما ئاتسام، كېۋەزلىك شالدىرلاپ كەتتى.
قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا.
قونغۇچە مېھمان ئۇيىلار، قونغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى.
قوي بولسا قوزىسى بولار.
قوي بولۇپ مىڭ يىل ياشىغاندىن، يولۋاس بولۇپ بىر كۈن ياشا.
قوينى قاسساپ سويسۇن.
قوينى قوتاندا سات، ئاشنى باداڭدا.
قوينۇم ئوغرى، قونجۇم ئوغرى.
قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونجۇڭغا چۈشەر.
قويچى كېچىك ئىزدىگۈچە، تۆگىچى سۇدىن ئۆتۈپ بوپتۇ.
قىردا بار، قىرلاشتا يوق.
قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى.
قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر بىر ياق.
قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
قىرىق يىلدا بىر ئېشەك ئويونى.
قىرىققا چىدىغان، قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى.
قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق، ئوغۇل تەرەپ دۇمباق چاپتۇ.
قىز چوڭ بولسا كۆز تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا سۆز.
قىز ۋاقتىم سۇلتان ۋاقتىم، خوتۇن ۋاقتىم شەيتان ۋاقتىم.
قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق؛ چاقتا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق.
قىزدىن ئاتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار.
قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.
قىزنىڭ كۆزى ئوسمىدا،تازنىڭ كۆزى پوسمىدا.
قىزنىڭ كۆزى قىزىلدا.
قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا بىلىنەر.
قىزى رازى بولسا، ئاتا-ئانىسىدىن سورىما.
قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا.
قىزىق ئوچاققا تۇتۇرۇق لازىم ئەمەس.
قىزىل ئالما سارغايماس.
قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى بار، چىرايلىقنىڭ سەپكۈنى.
قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا.
قىزىڭ ئاشىق بولسا يەرگە باق.
قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.
قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.
قىش غېمىنى يازدا يە، ياز غېمىنى قىشتا.
قىشتا ئوچاق ئۆزىگە تارتار.
قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلكىسىچىلىك.
قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن، ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن.
قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر.
قىغسىز يەر-پۇلسىز ئەر.
قىلدەك ھوقۇقنىڭ پىلدەك كۈچى بار.
قىلغان ئىشىڭ پىلانسىز، ئاتقان ئوقۇڭ نىشانسىز.
قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسىدۇ.
قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.
قىلچ ئۆز قىنىنى كەسمەس.
قىممەتچىلىك بولسا، ساتقۇچىدا ئىنساپ يوق؛ ئەرزانچىلىق بولسا، ئالغۇچىدا ئىنساپ يوق.
قىمىرلىغان قىر ئاشار.
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا، باتۇر كېلەر قېشىغا.
قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇ تۈكى.
قىڭغىر ئولتۇرساڭمۇ تۈز سۆزلە.
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر.
قۇدۇق قەدرى چۆلدە بىلىنەر.
قۇدۇق چوڭقۇر، ئارغامچا قىسقا.
قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر.
قۇرساق ئاچقاندا خام كۆمەچمۇ تاتلىق.
قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرالمايدۇ.
قۇرۇق دۇئاغا پىتمۇ ئۆلمەپتۇ.
قۇرۇق دۇئايى سالامغا توكۇر بارىكاللا.
قۇرۇق سۆڭەكتىن ياغ چىقماس.
قۇرۇق سۆڭەكنى ئىت غاجىماس.
قۇرۇق قوشۇق ئېغىز يىرتار.
قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس.
قۇرۇق گەپ قۇلاققا ياقماس.
قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماس.
قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشەر.
قۇش ئۇچۇپ ھارغاندا ئۇۋىسىنى تاپار.
قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ.
قۇش قانىتى بىلەن ئۇچىدۇ، پۇتى بىلەن قونىدۇ.
قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا.
قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
قۇشقاچ قاغىنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ چاتىرقى كېرىلىپ كېتىپتۇ.
قۇشقاچ كىچىپ بولسىمۇ، ھەممە ئەزاسى تولۇق.
قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش.
قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس.
قۇشقاچلار قىلىدۇ چىرىك-چىرىك،ئادەملەر قىلىدۇ تىرىكچىلىك.
قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ.
قۇغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، خام-پىششىقىنى تاللىماس.
قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست.
قۇلاق ئاڭلىغاننى، كۆز كۆرەر.
قۇلاق كۆزدىن بۇرۇن ئاشىق بولار.
قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك ياشا.
قۇلنى بارىكاللا ئۆلتۈرەر.
قۇلىقى تۇرۇپ گاس، تىلى تۇرۇپ گاچا.
قۇم يىغلىسا تاغ بولۇر، ئەر يىغىسا باغ.
قۇياش بەك چوڭ بولسىمۇ، ئۇنى توسۇشقا كىچىك بۇلۇتمۇ يېتەر.
قۇياشنىڭ نۇرى ساڭا يەتسىمۇ، ئاڭا سېنىڭ قولۇڭ يەتمەس.
قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىپتۇ.
قۇۋ تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار. « تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار.» قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا، تېزەكلىمەي قالماس.
قۇۋلۇقتىن شۇملۇق تۇغۇلار.
قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى.
قېتىق ئىچكەندە ئاكا، دوغاپ ئىچكەندە ئۇكا.
قېرى ئات ئوقۇر بۇزماس.
قېرى بىلگەننى، پىرى بىلمەس.
قېرى خوتۇن ياش بولدى، جۇۋانلارغا تەس بولدى.
قېرى قىز ئەر تاللىماس.
قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
قېرى كالا پىچاقتىن قورۇقماس.
قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا.
قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ.
قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال.
قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر.
قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق.
قېرىلار بۇ دۇنيانىڭ مېھنىتى.
قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس.
قېرىنى قاپتا ساقلا، ئۆلۈكنى ھەپتە ساقلا.
قېرىنىڭ چىشى يوق، تۆشكە ئامراق.
قېرىىنداشتىن قارنىم ياخشى.
قېلىنلىق يېرىم دۆلەت.
قېىتىق نانغا ئۈلگۈرمىدى، نان قېتىققا ئۈلگۈرمىدى.
قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ ياخشى.
قەدىرلىگىن ۋاقتىڭنى، ئىشەنمىگىن ئۆمرۈڭگە.
قەدىناستىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ، قەدىم جايدىن ئايرىلما چەت بولسىمۇ.
قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.
قەرزداردىن پۈتكەننى ئال، تۈگىمەندىن چىققاننى.
قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق.
قەرزنى ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي، تۇغۇلۇپ ئۆلمىگنىڭنى.
قەرزى بار كىشىنىڭ يۈرىكىدە دەزى بار.
قەرىزدارنىڭ تىلى قىسقا.
قەست قىلغاننى پەس قىل.
قەسەمخورنىڭ ئۆمرى قىسقا.
قەشقەرنىڭ قىشى ئاز، سوغۇق ئەتىياز.
قەيەر ئاغرىسا، جان شۇيەردە.
قەيەرگە يىقىلىشىمنى بىلسەم، شۇ يەرگە پاخال سېلىپ قۇياتتىم.
كاسىپ قېرىسا، ھۈنىرىمۇ قېرىيدۇ.
كاككۇك ئۆز ئىسمىنى قىچقىرار.
كالا ئۆلسىمۇ، كۆزىنىڭ ئالىسى ئۆلمەس.
كالاڭ ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار.
كاللا ئۈتلەپ قۇلاق يەپتۇ، پاچاق ئۈتلەپ تۇياق.
كاللىنىمۇ يېمە، چىشىنىمۇ چاقما.
كالىلار سۇ ئىچسە، موزايلار مۇز يالايدۇ.
كالىنى ساتقاندا ماختا، سۈتىنى ساغقاندا.
كالىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىرايدۇ.
كالىنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن.
كان قازغان بايلىق تاپار، سۆز قازغان يامانلىق.
كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ كۆيمىسۇن.
كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار.
كونا ئۇستىخاننى ئىت غاجىماس.
كونا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى.
كونا گەپ قۇلاققا ياقماس.
كونىنى ياماپ كىي، يېڭىنى ئاياپ.
كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنى ئويلا.
كىشى قايغۇسى ئېتەككە، ئۆز قايغۇسى يۈرەككە.
كىشىدىكى پۇل چۈشىدىكى پۇل.
كىشىدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر.
كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار.
كىشىنىڭ ئون «ھە-ھۇ» سىدىن، ئۆزىنىڭ بىر غەيرىتى ياخشى.
كىشىنىڭ ئىشىغا تومۇزدا قول توڭلار.
كىشىنىڭ ئېتى ئات ئەمەس، ئىككى پۇتۇم يات ئەمەس.
كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.
كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس، دىلىغا قارا.
كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس.
كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ.
كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا.
كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق.
كىشىگە كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشەر.
كىمنى سۆيسەڭ، شۇ چىرايلىق.
كىمنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدىسەڭ، شۇنىڭ ناخشىسىنى ئېيىت.
كىيمنى يامىغىلى بولار، قورساقنى يامىغىلى بولماس.
كىيىمڭگە قاراپ قارشى ئالىدۇ، ئەقلىڭگە قاراپ ئۇزىتىدۇ.
كىچىككىنە تاش يارىدۇ باش.
كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال.
كۆرسە ھالى يوق، كۆرمىسە كارى يوق.
كۆرمىدىم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز، كۆردۈم دېسەڭ مىڭ بىر سۆز.
كۆرمەككە بار، يېمەككە يوق.
كۆرمەي تۇرۇپ ئاق دېمە، سىنىماي تۇرۇپ ساق.
كۆرگەن ئاڭلىغاننى يېڭىپتۇ.
كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر.
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بىكار نېمە.
كۆز قورققاق، قول باتۇر.
كۆز كىچىك بولسىمۇ، كۆرىدىغىنى كەڭ.
كۆز كۆرمەي، كۆڭۈل سۆيمەس.
كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق.
كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق.
كۆزى تويماسنىڭ غېمى تۈگىمەس.
كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
كۆزۈم قارىغۇ، قولىقىم ساغىرۇ.
كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى.
كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان يالغان.
كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
كۆكتىن تىلە، يەردىن تاپ.
كۆلنىڭ سېسىشى پاقىغا ياراپتۇ.
كۆلنىڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال.
كۆنگەن كۆڭۈل كۆمۈلگۈچە.
كۆيگەن ئوتنىڭ تۈتۈنى يوق.
كۆيگەن جۇۋانغا ئات تېزىكى ئاي كۆرۈنەر.
كۆيگەنگە كۆي، كۆرۈنگەنگە كۆيمە.
كۆيۈمى يوق تۇغقاندىن يات ياخشى، ئىسسقى يوق كاڭدىن كات.
كۆپ ئويلا، ئاز سۆزلە.
كۆپ خوتۇن ئالغان ئەسكى- تۈسكى يىغار، كۆپ ئەرگە تەگكەن يوتقان-كۆرپە.
كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ ياقىسى پىت، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلىكى چىت.
كۆپ سۆز ئېشەككە يۈك.
كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
كۆپ قېرىنىڭ ئىچىدىكى بالا دانا بولار، كۆپ بالا ئىچىدىكى قېرى بالا بولار.
كۆپ كۆرگەن كۆپ بىلەر.
كۆپ ياتقان ئوت كۆككە يېتەر.
كۆپ يىلقا ئارىسىدا توكۇر قۇلۇن بىلىنمەس.
كۆپتىن توشقان قېچىپ قۇتۇلماس.
كۆپتىن ياخشى ئەقىل چىقار.
كۆپتىن يامانلاپ كۆمۈلمەي قاپتۇ.
كۆپنى كۆرۈپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ.
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ.
كۆپنىڭ كۈچى تاغ كۆتۈرەر.
كۆپنىڭ مېلىنى ئوغرى ئالماس.
كۆڭلى زەھەرنىڭ قولىمۇ زەھەر.
كۆڭلى قارىنىڭ يۈزى قارا.
كۆڭلۈڭ رەنجىسە كۈلۈپ ئوينا.
كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
كۆڭۈل ئاغرىقىنى كۆڭۈل بېرىپ ئال.
كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا تويمايدۇ.
كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر، ئېغىز تاتلىقنى.
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر،
كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار.
كۆڭۈلنى بۇزما، ئۈمىدنى ئۈزمە.
كۆڭۈلنىڭ تۈۋرۈكى سەۋر.
كۆڭۈلنىڭ كىرىنى ئېيتسا كېتەر، كىيىمنىڭ كىرىنى يۇسا.
كۆڭۈلگە ياقمىسا، كۆزگە ياقماس.
كۈتكەندە مېھمان كەلمەس، ياسانغاندا يىغا.
كۈزدە توي تولا، ئەتىيازدا ئۆلۈم.
كۈلكىسى يوق توي بولماس، يىغىسى يوق ئۆلۈم.
كۈلكە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، يىغا قىسقارتىدۇ.
كۈلكە بىلەن يىغا قوشكېزەك.
كۈلمە كىشىنىڭ دەردىگە، ئۆزۈڭگە كىلەر ئەتە.
كۈلگەك قىزغا يىگىت ئەگىشەر، چىچقاق بالىغا ئىت.
كۈلگەننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس، ھومايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن.
كۈلەلمىگەن ھالىڭغا ھىجايما.
كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم زېھنىنى.
كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ.
كۈنداشلىق ئۆيدە كۈندە جېدەل.
كۈندىن قالدىڭ ئايدىن قالدىڭ، ئايدىن قالدىڭ يىلدىن قالدىڭ.
كۈندۈزى سۆزلۈگەك، كېچىسى جۆيلۈگەك.
كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا، كېچىسى ماڭغان ئەرنىڭ.
كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
كۈنلۈك ئىش قىلساڭ سەھەردىن باشلا، يىللىق ئىش قىلساڭ باھاردىن.
كۈنلۈك يولغا چىقساڭ، ئايلىق ئوزۇق ئال.
كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس.
كۈننى توسىۋالغىلى بولماس، ۋاقىتنى سېتىۋالغىلى بولماس.
كۈنىگە بىر ئالما يېسەڭ، تىۋىپ ئىزدىمەيسەن.
كۈنۈڭ ئۆتمىسە، بازار چۆگىلە.
كۈيئوغۇلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن.
كۈيە كەلدى، خان كەلدى.
كۈچ بار تاغقا چىقار، ئەقلى بار كۆككە.
كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە.
كۈچى يوقنىڭ ئاچچىقى يامان.
كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە.
كېرەكسىز نەرسە ئەرزان بولسىمۇ قىممەت.
كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىىرى يوق.
كېسەل ساقايغۇچى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلەر.
كېسەل پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقار.
كېسەللىك ئېغىزدىن كىرەر.
كېسەلنىڭ كېلىشى ئاسان، كېتىشى تەس.
كېسەلگە ئېيىتقان تەسەللى دورىدىنمۇ تېز ئۈنۈم بېرەر.
كېسەلگە قاراپ دورا، كاڭغا قاراپ بورا.
كېكەچ سۆزلىسە، ئېغىز ئاچۇرماس.
كېلىش مېھماندىن، كېتىش ساھىبخاندىن.
كېلىن بولسىڭىز كېلىڭ، بولمىسىڭىز كېتىڭ.
كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكىنى كىيگەندە.
كېمىگە چۈشتۈڭ، جاننىڭ غېمىغا چۈشتۈڭ.
كېنىڭگە نېمە قىلساڭ، قىزىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
كېيىك ئوۋلاپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا.
كېيىن كەلگەن تۆرگە چىقىپتۇ.
كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن.
كېپىنەك گۈلگە ئامراق، ياسانچۇق كىيىمگە.
كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
كەتكەن كېلەر،كەتمىگەن كەلمەس.
كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ، ئادەم ياماندىن.
كەتمەننى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ  خان غوجام.
كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلەر، لەززىتىنى تىل.
كەكلىك باغقا كۆنمەس، بۇلبۇل تاغقا.
كەكلىك قاغىنىڭ مېڭىشىنى دوراپ، چاترىقى يىرتىلىپ كېتىپتۇ.
كەلكۈن سۇ- يىرىتقۇچ ھايۋان.
كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
كەلگۈچە مېھمان ئۇيىلار، كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگسى.
كەم سۆز يىگىت-ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت- ماز يىگىت.
كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ.
كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق.
كەمبەغەل تۆگە مىنسىمۇ ئىت چىشلەر.
كەمبەغەل گۈل قىسسا، تىكىنى بايغا سانجىلار.
كەمبەغەللىك ئەيىب ئەمەس، ھورۇنلۇق ئەيىب.
كەمبەغەلنى ئىززەت قىلساڭ، چورۇقى بىلەن تۆرگە چىقار.
كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى، پادىشاھ بولغىنى.
كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان  تۇتار.
كەمتەر بولساڭ ئوزارسەن، مەغرۇرلانساڭ غۇلارسەن.
كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى.
كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ.
كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قوروقماس.
كەچ قالغان قارڭغۇدىن قورقماس، ئەرگە تەرگەن دەرەڭگىدىن.
كەڭ تون يىرتىلماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
كەڭ كىيىم سۆرىلىپ يىرتىلار، تار كىيىم تارتىشىپ.
كەڭگە كەڭ دۇنيا، تارغا تار دۇنيا.
لالما بولغۇچە سالما بول.
لايدىن ياسىغان كوزا، سۇغا چۈشسە ساق چىقماس.
لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر.
لاپ ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ، بۆرە پۇراپ.
لاۋا-لاتقا ئەخلەتنىڭ ئىشى، تەكەببۇرلۇق ئەخمەقنىڭ.
لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن.
لەيلىنى كۆرۈش ئۈچۈن، مەجنۇننىڭ كۆزى كېرك.
لەۋزىدە تۇرمىغان يىگىت ئەمەس.
ماختانچاق-بىكارچىغا ئويۇنچۇق.
ماختانچاقنىڭ ئۆيىگە بارما، كېرىلگەننىڭ تويىغا.
ماختىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ.
مازاردىن مەدەت تىلىگۈچە، توغراقتىن ئامۇت تىلە.
ماقۇلغا جاۋاب يوق.
مال ئالساڭ كۆرۈپ ئال، قىز ئالساڭ بىلىپ.
مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك.
مال ئىگىسىنى دورايدۇ.
مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن.
مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ.
مالدا مال بار، ئادەمدە ئادەم.
مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.
مالنى باقساڭ توق بولار، باقمىساڭ يوق بولار.
مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن.
مالنى كېپەككە ئال، باققۇچىنى ئالتۇنغا.
مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ.
مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
مايماق توكۇرنى دوراپتۇ.
ماڭا كەلگەندە ساينىڭ سۈيى توختاپتۇ.
ماڭغان پۇتقا توپا يۇقار.
ماڭغۇسى كەلمىگەن ئۇي، بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرار.
موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار.
موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە.
موللىغا  ئون تاياق، نادانغا بىر تاياق.
موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما.
موللىنىڭ قارنى بەشتۇر، بىرى ھەمىشە بوشتۇر.
موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.
موماي باققان بالا، تامدىن سەكرىگەن كالا.
مىدىرلىغان قىر ئاشار.
مىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.
مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول.
مىننەتلىك ئېشىڭدىن، قارنىمنىڭ ئېچى ياخشى.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
مىڭ ئۆلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا.
مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چىپ-چاپ ياخشى.
مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ.
مىڭ سەرنى يوقاتقان بىر سەر.
مىڭلىققا بۆرە تەگسە، بىرلىككە پىچاق ئېلىپ يۈگۈرەر.
مۇت-زەھەر بولسىمۇ يۇت.
مۇزلىساڭ مۇز يە.
مۇزنىڭ ئۆمرى باھارغىچە.
مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
مۇشت بەرگەنگە ئاش بەر.
مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
مۇھەببەت كۆرۈنمەيدىغان ئوت، تۈگىمەيدىغان دەرد.
مۇھەببەت چىراي تاللىماس، ئۇيقۇ يەر (تاللىماس).
مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولماس.
مۈدۈرمەيدىغان ئات يوق، يېڭىلىشمايدىغان ئادەم.
مۈشۈك چۈشىدە چاشقان كۆرەر.
مۈشۈك گۆشكە بوي يەتمىسە، سېسىقكەن دەر.
مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن.
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، قېرىنىڭ چىشى يوق تۆشكە.
مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق، گۆشكە ئامراق.
مۈشۈكى ياخشى ئۆينىڭ تاغرى ساق.
مۈكچەيگەننىڭ بېلىنى كەتمەن تۈرەيدۇ.
مېلى ناچار سودىگەر، مېلىنى ھەممىدىن بەك ماختايدۇ.
مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.
مېنىڭ ئېتىم بېگىلى، ئەرگە تەگدىم يېگىلى.
مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كېيىن يۈگۈرىسەن.
مېڭىشنى بىلمىگەن ئۇي قىرنى بۇزىدۇ.
مېڭىشى ئۆزگەرگەن بىلەن، مېڭىسى ئۆزگەرمىگەن.
مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆچ سىنار.
مېھمان بار چاغدا مۈشۈكنى پەش دېمە.
مېھمان قويدىن ياۋاش.
مېھمان مېھماندىن قىزغىنار، ئۆي ئىگىسى ھەر ئىككىسىدىن.
مېھماننىڭ ئۆزىنى باققۇچە، ئېتىنى باق.
مېھماننىڭ مەستلىكى كەيپ، ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىب.
مېھنەت- ئۇنىڭ تېگى راھەت.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت، ناداننىڭ تېگى گادايلىق.
مېۋىسىز دەرەخكە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخكە ھەركىم قول ئۇزىتىدۇ.
مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرار، مېۋىسىز دەرەخ غادىيىپ.
مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى تۆۋەن.
مەدداھ گەپ سېتىشتىن ئۇيالماس، ھورۇن پىت بېقىشىتىن.
مەرتەم-مەرتەم، ئۈچ مەرتەم.
مەرد باتۇر يىقىتىدۇ، ئۆلتۈرمەيدۇ.
مەرد بولساڭ مەيدانغا چۈش.
مەرد يوقلۇقنى بىلىندۇرمەس، تۇلپار ئاچلىقنى.
مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى.
مەست بىلەن بىللە ماڭساڭ ماڭ، نەس بىلەن بىللە ماڭما.
مەستلىك-پەستلىك.
مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
مەسلىھەتنى دوستۇڭغا سال، كېڭىشىشنى ئۆزۈڭ قىل.
مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.
مەن بىلمەيدىغان بازار ئەمەس، پۇل بەرمىگۈچە نان بەرمەس.
مەن دوپپىچى بولسام، كىشىلەر باشسىز تۇغۇلۇپتۇ.
مەن سالا، سەن سالا، ئاتقا چۆپنى كىم سالا.
مەن كۆرمىگەن يېرىڭ بارمۇ،سىڭار يېقىڭ تاتۇق.
مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا.
مەنسەپ گۆرگە  يېقىن، مەرىپەت گۈلگە.
مەنمۇ ئىدىم سېنىڭدەك، سەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك.
مەنىسىز ياشلىق-سايدىكى تاشلىق.
مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست.
مەيلى بارغا مايىل بول.
مەيلىڭ بولسا مەيخانا، چىلم بولسا سەيخانا.
نادان گۈلگە يۈگۈرىدۇ، زېرەك مېۋىگە.
نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
نادانغا بېرىلگەن مەنسەپ-كىچىك بالىغا تۇتقۇزۇلغان ئۇستىرا.
نادانلىق قاراڭغۇلۇقتىن يامان.
نادانلىقنىڭ ئاقىۋىتى گادايلىق.
ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ.
ناز قىزغا يارىشار، غاز كۆلگە.
نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش.
نان تۇرۇپ قالسا سۇغا  يۈگۈر، سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە.
نان يۈز قولدىن ئۆتۈپ ئېغىزغا كىرەر.
ناندانغا گەپ ئاڭلاتماق-تۆگىگە خەندەك كولاتماق.
ناننى تۇنۇرنىڭ قىزىقىدا ياق.
ناۋاينىڭ نېنى پىشقۇچە يېڭى كۆيەر.
نوھنىڭ كېمىسى توپاندىن قورقماپتۇ.
نىكاھ غايىب، رىزقى غايىب.
نىكاھ- ئۆمۈر سودىسى.
نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك.
نېسى ئېلىشقا ھاي-ھاي، پۇلنى بېرىشكە ۋاي-ۋاي.
نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ.
نېسى يېمەڭ گۆشنى، تېشىپ چىقىدۇ تۆشنى.
نېسىنى دەپ نەققتىن قۇرۇق قاپتۇ.
نېمىدىن قورۇقساڭ شۇنىڭغا يولۇقىسەن.
نېمە دېسەڭ شۇنى ئاڭلايسەن.
نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق.
نەشتىرىنى ئۇزۈۋالساڭ، يىلان دېگەن يېرىم غۇلاش كۇلاھ.
نەشپۈتنى نەۋرەڭگە قوي، شاپتۇلنى مېھمانغا.
نەقتىن ھەسەل چىقار، نېسىدىن كېسەل.
نەپسى بالا- جانغا بالا.
نەپسى دېگەن بالادۇر، ئاخىر ئوتقا سالادۇر.
نەپسى يوق سۇلتان بولماس، ياقىسى يوق چاپان.
نەپسىنىڭ تىزگىنىنى ئەقىل تۇتسۇن.
نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم.
يا ئەلەمدە يوق، ياقەلەمدە.
يا گۆش ئەمەس، يا بەز ئەمەس.
يات يېگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە.
ياتار قورساق-كېتەر قورساق.
ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق.
ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى قوزغىما.
ياتقان يېرىڭنى قاتتىق دېمە، ئىچكەن سۈيۈڭنى ئاچچىق.
ياتقانغا يولۇقماس ھېچنېمە، ماڭغانغا پۇتلىشار ھەر نېمە.
ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقىلى كۆيۈپتۇ.
ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن.
ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس.
ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقماس.
ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
ياخشى ئادەم دەپ يۈرەرسەن، ھاجىتىڭ چۈشسە بىلەرسەن.
ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
ياخشى ئىت ئۆلۈكنى كۆرسەتمەس.
ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.
ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.
ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
ياخشى تىلەككە يامان چېچەك.
ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
ياخشى دوست جاندىن ئەزىز.
ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى.
ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز سۆزگە ياماق.
ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق.
ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
ياخشى كەلسە ھوت، يامان كەلسە جۇت.
ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.
ياخشى نىيەت ئاشقا، يامان نىيەت باشقا.
ياخشى گۆشتىن ياخشى شورپا.
ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد.
ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا.
ياخشىغا بىر سۆز، يامانغا مىڭ سۆز.
ياخشىغا بەرسەڭ نېپى تېگەر، يامانغا بەرسەڭ گېپى.
ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم.
ياخشىغا يېتىشمەك تەس، ياماندىن قۇتۇلماق.
ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ.
ياخشىنىڭ ئايىغىدا قۇرت ئۆلمەس.
ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق.
يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار.
يارنىڭ سۈرىتىگە قارىما، خۇلقىغا قارا.
يارىمنىڭ تىللىغىنى-چىللىغىنى.
يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپتۇ.
ياز بار، قىش  بار، ئالدىرىماڭ ئىش بار.
يازدا ئۇخلىغان قىشتا مۇزلار.
ياش تۆككۈچە، مۇش تۈگ.
ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ.
ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان، قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر.
ياشلار ئويۇنغا ئامراق، قېرىلار ئۇيقۇغا.
ياشلار كەلسە ئىشقا، قىرى كەلسە ئاشقا.
ياشلىق-يالقۇن، قېرىلىق-تۈتۈن.
ياشلىقتا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باشقاندەك.
ياشلىقنىڭ قەدرى قېرىغاندا ئۆتۈلەر.
ياشنىڭ سەتى يوق، قېرىنىڭ چىرايلىقى.
ياغ يېگەندە يات، دەرد تارتقاندا قېرىنىداش.
ياغاچ قازاندا ئاش بىر پىشار.
ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا.
ياغاچ پىچاققا تۆمۈر غىلاپ.
ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.
ياقا ئېتەك بولدى، ئېتەك ياقا.
يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجاپ.
يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس.
يالجىمىساڭ يەر يۆتكە.
يالغان ئېيىتساڭ تۇتۇلىسەن، راست ئېيىتساڭ قۇتۇلىسەن.
يالغان راست بولماس، راست يالغان بولماس.
يالغانچى ئۆلۈكنىمۇ گۇۋاھلىققا تارتار.
يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس.
يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قەسەم بىلەن ۋەدىسى تۈگىمەس.
يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.
يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ. يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
يالغۇز دەرەختىن قۇش تېزىپتۇ.
يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار.
يالغۇز يىگىت بەگ بولماس، يالغۇز ياغاچ ئۆي.
يالىڭاچ سۇدىن قورقماس، كەچ قالغاندا قاراڭغۇدىن.
يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
يامان ئۆزىنى بىلمەس، ياخشىنى كۆزگە ئىلماس.
يامان ئۇرۇقتىن ياخشى مېۋە بولماس.
يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش.
يامان جىن قورقىدۇ.
يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
يامان قىزغا ئانىسى ئەلچى.
يامان كۆرگەن ياغاچ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈۋرۈك بوپتۇ.
يامان ياماندىن قورقىدۇ، كەتمەن ساماندىن.
يامانغا يولۇڭساڭ يالىىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى.
يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما.
يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
ياماننى ئېشىڭغا يولاتساڭ يولات، قېشىڭغا يولاتما.
ياماننى كۆرمەي، ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
ياماننىڭ ئوتى يامان.
ياماننىڭ قوينىدا ياتقۇچە، ياخشىنىڭ ئايىغىدا ئۆل.
ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر، ياخشىنىڭ شاراپىتى.
ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
ياماننىڭ گېپى يامان، ئەسكى چاپاننىڭ پىتى.
يامغۇر قەدرىنى تاش بىلمەس.
يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى.
يامغۇردىن قېچىپ مۆلدۈرگە ئۇچراپتۇ.
يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇق، كىرەلمەيسەن بۇلۇڭ بولمىغىنى ئۈچۈن.
يان يەرنى شامال قاقىدۇ، چارايلىققا ھەركىم باقىدۇ.
ياندىكى كاسپىنىڭ قەدرى يوق.
ياياق كىشىگە يانچۇقمۇ ئېغىر.
ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ؟
ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن.
يورغا مىنگەن يولدا قاپتۇ.
يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۈشىدىن.
يوق چاغدا يوغان گەپ.
يوقالغان پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
يوققا نېمە يوق، ئېرىقىتىكى سۇمۇ يوق.
يول ئازابى-گۆر ئازابى.
يول بۇياققا، ھارۋا ئۇياققا.
يول سورىغان يولدىن ئازماس.
يول سورىماي يولغا چىقما.
يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا.
يولدا قوشۇلغان يولداش ئەمەس.
يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.
يولى باشقا، مەنزىلى بىر.
يولى باشقىنىڭ نىيىتى باشقا.
يولىنى بىلسەڭ، سۇ ئۆگىزىگە چىقار.
يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس، يىگىت سۆزىدىن.
يولۋاسقا يولۇقما، يولۇقساڭ ھودۇقما.
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر.
يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى  قوشنا ئەلا.
يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
يىرتىق تۆشۈكدىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.
يىغلاپ يۈرۈپ قىر ئەت، ئويناپ يۈرۈپ يەر سۇغار.
يىغلىماقنىڭ كۈلمىكى بار.
يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ.
يىقىلغاننى تەپمە، قاچقاننى قوغلىما.
يىقىلغاننى يەر كۆتۈرەر.
يىلان ئۆزۈم ئەگرى ئەمەس، يولۇم ئەگرى دەيدۇ.
يىلان-چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
يىلاننىڭ تۆشىكى تۈز، ئۆزى ئەگرى.
يىلاننىڭ تېشى سىللىق، ئىچى زەھەر.
يىلتىز سۇدا بولماس، ھوسۇلدىن ئۈمىد كۈتمە.
يىڭنىنىڭ كۆزىدەك تۆشۈكتىن، تۆگىدەك شامال كىرىدۇ.
يىڭنە قاياققا ماڭسا، يىپ شۇ ياققا ماڭار.
يۆلەكلىك تام يىقىلماس.
يۇرتىغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس.
يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.
يۈز يۈزگە چۈشىدۇ، مېھىر كۆزگە.
يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى.
يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
يېتىپ يېسەڭ تاغ توشۇماس.
يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتتىن ئايرىلغان يەتمىش يىل.
يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى.
يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق.
يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن.
يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى.
يېغىر قەيەردە، چىۋىن شۇ يەردە.
يېقىن تۇغقان خىزمەتتە، يىراق تۇغقان ئىززەتتە.
يېمىسەڭمۇ ھەسەلنىڭ گېپىنى قىل.
يېمىشلىك ياغاچنىڭ بېشى تۆۋەن.
يېمىگىنىم پوق، كۆرمىگىنىم گۆر.
يېمەس يەردە ئوت بار، ئىچمەس يەردە سۇ.
يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي يىغقاننىڭ كىيگۈچىسى.
يېمەيمەن دەپ تۇرۇپ، يەتمىش قۇيماق يەپتۇ.
يېنىدا بىر پۇلى يوق، تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.
يېىتم ئۆز رىزقىنى يەيدۇ، كىشىنىڭ مىننىتىنى تارتىدۇ.
يېىتم تايدىن يورغا چىقار، يېتىم بالىدىن دورغا.
يېيىشلىك ئات ھارماس.
يېيىشلىك مالنىڭ ئېتى چۈشمەس، يۈزسىزنىڭ بېتى.
يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
يېپىقلىق قازان يېپىقىلىق  پېتى قالسۇن.
يېڭى ئىدىشنىڭ سۈيى تاتلىق.
يېڭىسى ياندا، كونىسى جاندا.
يېڭىلمەكنىڭ يەڭمىكى بار، يەڭمەكنىڭ يېڭىلمىكى بار.
يېگەن ئېغىز، كۆرگەن كۆز.
يېگەن كۆرۈنمەس، كىيگەن كۆرۈنەر.
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
يەتتە يېشىنى ئەسلىشەر، يەتمىش يېشىدىن رەنجىشەر.
يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇۇرشقاق.
يەر تويمىغۇچە ئەل بولماس.
يەر كىشىنى يەيدۇ، كىشى يەرنى يەيدۇ.
يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
يەر ھوسۇلنىڭ ئانىسى، ئەمگەك ھوسۇلنىڭ ئاتىسى.
يەرنى ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە.
يەرگە ئىشلە ئايانما، يوق ئامەتكە تايانما.
يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.
يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس.
يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، بېرەي دېسە ئىچى.
يەپ تويمىغان يالاپ تويماس.
يەڭگەن سۇلتان، يېڭىلمىگەن ئۇلتاڭ.
پاختەكتە بار كۆڭۈل، تۇرالغىدا يوقمۇ؟
پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
پادىدىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر.
پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار.
پادىشاھ مەست بولسا، دۆلىتى غەرىق بولۇر.
پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.
پادىشاھنىڭ كۆزىدە بولغۇچە، كۆڭلىدە بول.
پادىچى ئىككى بولسا، ئارىدا توقلا ئۆلەر.
پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار.
پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، يېرىلىپ كېتىپتۇ.
پاقا بىر سەكرەر، ئىككى سەكرەر، ئۈچۈنچىسىدە ئورنىغا چۈشەر.
پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، موماي ياسىنىپ جۇۋان.
پاقىنى دەسسىسە« ۋاق»دەيدۇ.
پاكار ئېشەككە ھەركىم مىنەر.
پالتا تەگمىگەن ياغاچ بولماس.
پالتا چۈشكۈچە ئۆتەك دەم ئاپتۇ.
پالتاڭنى ئېلىپ تاغقا يۈر، سېۋىتىڭنى ئېلىپ باغقا.
پالتىدىن زۇۋان كەپتۇ، قاتىلدىن ئىمان.
پالتىنىڭ چۇلدىسىدا ئوتۇن يېرىپتۇ.
پالچىدا داڭگال تولا، شائىردا خىيال.
پالچىغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە.
پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
پايدىسى يوق ئوغرىنىڭ، گۇندىدا تۇرغىنى زىيان.
پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.
پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ.
پىتنە-پاساتنىڭ پۇتى قىسقا، يولسىزنڭ تىلى.
پىشمىغان ئاشتىن خام كاۋاپ ياخشى.
پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ، چاشقان مۈشۈكتىن.
پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش.
پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
پىلنىڭ ئۆمرىگە چىشىنىڭ قىممىتى سەۋەپچى.
پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى.
پىچاق تاشقا بىلىنىدۇ، ئادەم ئىشىتا سىنىلىدۇ.
پىچاق دەستىسىنى كەسمەيدۇ.
پىچاق گۆشكە ماڭار، سۆڭەككە ماڭماس.
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە.
پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
پۇت پۇتقا ھەمراھ، قول قولغا.
پۇتالمىغان ياغاچ پۇتاقلىق.
پۇتتىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس.
پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا.
پۇتى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.
پۇتۇڭنىڭ توغۇرلىقىغا قارىما، يولنىڭ توغۇرلىقىغا قارا.
پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس، يەككە قولدىن چاۋاك.
پۇقاقنىڭ ئۈستىگە سۆگەل چىقىپتۇ.
پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ ئالدىدا قىزىقما.
پۇل ئەجەلگە داۋا بولماس.
پۇل ئەقىل ئۆگىتەر، تون مېڭىشنى تۈزىتەر.
پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
پۇل بايغا ئاقىدۇ، سۇ سايغا.
پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا.
پۇل تېپىۋالساڭ سانىۋال.
پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى
پۇل كەتسە كەتسۇن، يۈز كەتمىسۇن.
پۇل-مال كېتەر بوشلۇقتىن، پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن.
پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنەر.
پۇلسىز بازار تونۇماس.
پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز.
پۇلى بار ئادەمدىن تاغمۇ قورقىدۇ.
پۇلى بار كاۋاپ يەيدۇ، پۇلى يوق كاۋاپ تۈتۈنى.
پۇلى بارغا بازار، پۇلى يوققا مازار.
پۇلى بارنىڭ يولى كۆپ.
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
پۇلى بولسا قوللايدۇ، بولمسا قوغلايدۇ.
پۇلۇڭ يوق بازارغا بارما، مەشىقىڭ يوق مەشرەپكە.
پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.
پۇچقىقىغا پىت چۈشۈپتۇ، ئېشىغا چىۋىن.
پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر.
پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن،شەيتان قىزغىنىپتۇ.
پەس يەرنىڭ توپىسى تاغ كۆرنەر.
پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماپتۇ.
پەمسىز باتۇرلۇق، قورالى يوق مىلتىق.
پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ.
چاشقان يىغار، پاقا يەر.
چاشقانغا كېپەك ئالدۇرماس، قوڭغۇزغا تېزەك.
چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلار.
چاشقاننىڭ ئەرزى مۈشۈككە.
چاقماققا ئاتنى تېگشكەن ئەخمەق.
چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر.
چاپاقنىڭ قارىغۇ ئادىشى بار.
چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن، قازان قاينىسۇن.
چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى.
چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ.
چاپىنى تىزىدىن ئاشماس، ئالدىنى ياپسا كەينىگە  يەتمەس.
چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا.
چاپىنىمىدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق.
چاڭقىغانغا سۇ بەر، مۇزلىغانغا ئوت.
چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.
چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلار.
چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئېچىپتۇ.
چوڭ بېلىق كىچىك بېلقىنى يەر.
چوڭ توقاچ پىشقۇچە، كىچىك توقاچ كۆيۈپ كېتىپتۇ.
چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ.
چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، خۇشياقماسنىڭ باھانىسى.
چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ.
چىراي تاللىماي مىجەز تاللا.
چىراي كۆيدۈرەر، خۇلۇق سۆيدۈرەر.
چىرايغا قاراپ ھال سورا.
چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس.
چىرايلىق يۈزدە ئەمەس، سۆزدە.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق.
چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
چىرايلىقنى تاشلىساڭمۇ، قەدىناسنى تاللىما.
چىرايلىقنىڭ ئاقلىقىدىن، كۆڭۈلنىڭ ئاقلىقى ئەلا.
چىرايلىقنىڭ ئوتى يامان، سەتنىڭ ھالى.
چىرايلىقنىڭ چىقىمى تولا.
چىراينىڭ سەتلىكىگە ئەينەك گۇۋاھ ئەمەس.
چىرىغىڭ قانچە بولسا، سايەڭ شۇنچە بولار.
چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، كىشى كېلىپ ھال سورىماس.
چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
چىش چىققاندا بالىغا، چايناپ بەرگەن ئاش بولماس.
چىشلەيدىغان ئىت، چىشىنى كۆرسەتمەيدۇ.
چىشىمغا قارىما، ئىشىمغا قارا.
چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
چىۋىن قورىغان يەرگە قونىدۇ.
چىۋىننىڭ كۆڭلى گەدەندە.
چۆلدە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا خوتۇنۇڭ ئۆلمىسۇن.
چۆلدە تەشنالىق يامان، يولدا يالغۇزلۇق.
چۆپسىز مال-بولماس، پۇلسىز تىجارەت بولماس.
چۆچۈرە يېمەكتىن مەقسەت-گۆش يېمەك.
چۆگۈن قاينىسا ئۆز بوينىغا تاشار.
چۈجىسى بار توخۇ ئۇچالماس.
چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن، توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.
چۈجە باققان توخۇنىڭ مەيدىسىدە تۈكى يوق.
چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا، كەچلىككە ئوزۇق تاپ.
چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
چېچەن جۇۋاننى ئوچاق بېشىدا سىنا.
چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى.
چېۋەر دۆت كۆرۈنەر.
چەككىنى جەبىر-جاپا، ئاڭلىغىنى تەنە-تاپا.
گاداي بولساڭ شەھەر تالاش.
گاداينىڭ بالىىسى-باينىڭ كالىسى.
گاس ئىككى كۈلىدۇ: خەقنىڭ كۈلگىنىگە قاراپ بىر، گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر.
گاس دەپ غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانەت.
گاس گۇمانخور كېلەر، ئوغرى قەسەمخور.
گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ.
گاچا چۆچىرە يېسە ئىچىدە، ساناپ يەر.
گاچىنى سۆزلەتكەن ئۇنىڭ پۇلى.
گۆرنىڭ ئەنسىزلىكىدىن ئۆي ئەنسىزلىكى يامان.
گۆرگە كىرگەن تىرىك چىقماس، ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس.
گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن.
گۆشمۇ گۆش، ئۆپكىمۇ گۆش.
گۆشنى يېسەڭ چىشىڭغا كىرەر، يېمىسەڭ چۈشۈڭگە.
گۆشنى يېگەنمۇ ئوغرى، شورپىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى.
گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا.
گۆھەرلىك بولۇشىتن، ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق.
گۇمان ئىماننى قاچۇرار، ئۇماچ مېھماننى.
گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ.
گۇگۇم ۋاقتىدا قىز كۆرمە، قاش-كۆزىنى ئۇز كۆرمە.
گۈزەل يولدا قويار، قاراقچى چۆلدە.
گۈل تىكەنسىز بولماس.
گۈل سەھەردە ئېچىلار، خىيال كېچىدە.
گۈل گۈلى بىلەن، مال خىلى بىلەن.
گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق.
گۈلنى سۆيگەن تىكىنىدىن قورقماس.
گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىىدا، ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
گۈلگە قونغاننىڭ ھەممىسى بۇلبۇل ئەمەس.
گۈلۈڭ بار چاغدا گۈلۈڭنى قىس، گۈلۈڭ توزىغاندا كۆتۈڭنى قىس.
گېپى گەپكە ئوخشىماس، ئاغزى گەپتىن بوشىماس.
گېپىدە تۇرمىغان ئەر ئەمەس.
گەپ ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتكەندە پىلدەك يوغىنار.
گەپ قىلمىسا مۆڭ دېمە، جىم تۇرسا، دۆڭ دېمە.
گەپ يەردە ئەمەس، ئەردە.
گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ،
گەپتە گەپ بار، قورساقتا دەرد.
گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول.
گەپدانلىقنىڭ ئوتتۇز پۇتىقى بار.
گەپنى ئويلاپ دە، ناننى چايناپ يە.
گەپنى تېجىمەلدىن سورا، يولنى كارۋاندىن.
گەپنى قىسقا قىل، كۆسەينى ئۇزۇن.
گەپنىڭ ئايىغى يوق، يەرنىڭ يامىغى.
گەپنىڭ ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار.
گەپنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ پىشقىنى.
ھارغان ئېشەك يېتىپ ھاڭرايدۇ.
ھارغاندىن ھال سورا، گەپ سورىما.
ھارماڭ دېسە، خامان باقتىم دەپتۇ.
ھارماڭ دېسە، ھاپاش بوپتۇ.
ھارۋا بۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال غىچىرلايدۇ.
ھارۋاڭ سۇنسا ئوتۇن بولار، ئېتىڭ ئۆلسە گۆش.
ھارۋىكەش ئاۋارىكەش.
ھارۋىنى ئات تارتىدۇ، سايىسىنى ئىت.
ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار.
ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن، ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
ھالغا بېقىپ ھەشەم، داپقا بېقىپ سەنەم.
ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن.
ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ زاڭ تېتىيدۇ.
ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.
ھايان ماڭا بولسۇن، زىيان ساڭا بولسۇن.
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە.
ھاپتىغا شىپىتى، توڭرىلىققا مەرەزدار.
ھاڭرىمىغان ئېشەكتىن ئالۋان ئاپتۇ.
ھاۋانىڭ يامىنى كېتەر، ئادەمنىڭ يامىنى كەتمەس.
ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق.
ھودۇققان ئىت تامغا سەكرەك.
ھودۇققان تۈگەپ، شورى قالدى.
ھورۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ.
ھورۇن ئېشەكنىڭ يۈكى ئېغىر.
ھورۇن كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرەر، ئايدىڭدا پېشانىسى كۆيەر.
ھورۇنغا ئېتىزنىڭ قىرى تاغ كۆرۈنەر.
ھورۇنغا ھويلىدىكى سۇمۇ يىراق.
ھورۇننى ئىشقا بۇيرىساڭ، ئاتاڭدىن ئارتۇق ئەقىل كۆرسىتەر.
ھورۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلىدۇ.
ھورۇننىڭ غەيرىتى ئىش تۈگىگەندە كېلەر.
ھورۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ.
ھوسۇلۇڭ كەم بولسا ھاۋادىن كۆرمە.
ھوشيار بولساڭ ئاپەت كۆرمەيسەن.
ھويلامنىڭ تېمى يوق، دەرۋازام قۇلۇپلاقلىق.
ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن.
ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن، سېغىزخاننىڭ قۇيرۇقى.
ھۈنەر تۈگىمەس گۆھەر.
ھۈنەر-ھۈنەردىن بەرىكەت ئۈنەر. «ھۈنەر-قىلسا ئۈنەر». ھۈنىرى يوق ئەردىن مىكيان ياخشى.
ھۈنەر، قىلسا ئۈنەر.
ھۈنەرلىك ئادەم خار بولماس.
ھۈنەرلىك ئادەم- مېۋىلىك دەرەخ.
ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە رازى بولماس.
ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.
ھېساپتا بار، ھەمدەمدە يوق.
ھېيىتتا خوتۇن ئالما، يامغۇردا ئات.
ھېيىتتا قويمىغان ئوسماڭنى، ھېيىتتىن كېيىن كاساڭغا قوي.
ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم.
ھەر ئۆينىڭ مورىسى باشقا.
ھەر كاللىدا بىر خىيال، تار كاللىدا مىڭ خىيال.
ھەر گۈلنىڭ پۇرۇقى باشقىچە.
ھەركىشى ئۆز غېمىدە، كور كىشى كۆز غېمىدە.
ھەركىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆلەيدۇ.
ھەركىم بارغا باتۇر.
ھەركىم قىلسا ئۆزىگە، توپا تىقىلار كۆزىگە.
ھەركىمنىڭ ئېغىزىنى ئىككى پۇتى كۆتۈرىدۇ.
ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزى ئۈچۈن تۆگىدىن يوغان.
ھەركىمنىڭ نىيىتى ئۆزىگە ھەمراھ.
ھەركىمنىڭ چىرىغىنىڭ يورۇغى ئۆزىگە چۈشەر.
ھەركىمىڭ ئۆزىگە، ئاي كۆزۈنەر كۆزىگە .
ھەركۈننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەمگىكى بار.
ھەرىكەتتە بەرىكەت، بىكارچىلىقتىن نېرى كەت.
ھەرىمۇ شىرنىسى بار يەرگە قونىدۇ.
ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىغان ئادەم ھەسەل يەيدۇ.
ھەرىنىڭ ھەسىلىمۇ بار، زەھىرىمۇ بار.
ھەسرەتسىز ئادەم يوق، ساقايماس كېسەل.
ھەسەت قىلغۇچە ھەسرەت قىل.
ھەسەتخوردىن بەختىڭنى يوشۇر، سۇخەنچىدىن دەردىڭنى.
ھەسەلنىڭ ھەرىسى بار، گۈلنىڭ تىكىنى.
ھەقىقىي دوست ئېغىر كۈنلەردە سىنىلىدۇ.
ھەقىقەت ئېگىلەر، سۇنماس.
ھەممىنى كۆرگەن كۆز ئۆزىنى كۆرمەس.
ھەممە ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار.
ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ تۇغۇلغان.
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
ھەيدىگىنىڭ ئالتە ئۆچكە، ئۈشت-ئۈشتىڭ ئالەمنى ئالدى.
ۋاقتىڭ ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ.
ۋاقتىڭ كەتتى-بەختىڭ كەتتى.
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.
ۋالاقتەگكۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇپ كەپكۈر نەپ.
ۋاپا-تاق، جاپا -جۈپ.
ۋاپاسىز ئادەمدىن ۋاپادار ئىت ياخشى.
ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
ۋەتىنىگە مېھرى يوق ئوغلان بولالماس، دۈشمىنىگە قەھرى يوق پالۋان بولالماس.
ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن.
